1باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا خۇدانىڭ* ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. ◘ 7:1 لۇقا 6:37؛ رىم. 2:1؛ 1كور. 4:3، 5. *
2چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ* سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، خۇدامۇ* سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ. ◼ 7:2 +bd «باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار»+bd* ــ بۇ 1-2-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 7:2 مار. 4:24؛ لۇقا 6:38. *
3ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! ◼ 7:3 +bd «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...»+bd* ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...». +bd «...ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!»+bd* ــ ئايەتنىڭ تولۇق مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن» دېگەندەك.* ◘ 7:3 لۇقا 6:41، 42. *
4سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭگە: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟
5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. ◘ 7:5 پەند. 18:17. *
6مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ. ◘ 7:6 پەند. 9:8؛ 23:9. *
7تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. ◘ 7:7 مات. 21:22؛ مار. 11:24؛ لۇقا 11:9؛ يـۇھ. 14:13؛ 16:24؛ ياق. 1:5، 6؛ 1يۇھ. 3:22؛ 5:14. *
8چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. ◘ 7:8 پەند. 8:17؛ يەر. 29:12. *
9ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟!
10ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
11ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ ◘ 7:11 يار. 6:5؛ 8:21. *
12شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر. ◘ 7:12 لۇقا 6:31. *
13تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. ◘ 7:13 لۇقا 13:24. *
14بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز. ◘ 7:14 روس. 14:22. *
15ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. ◘ 7:15 قان. 13:4؛ يەر. 23:16؛ مات. 24:4؛ رىم. 16:17؛ ئەف. 5:6؛ كول. 2:8؛ 1يۇھ. 4:1. *
16سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟
17شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ. ◘ 7:17 مات. 3:10؛ 12:33؛ مار. 11:13؛ لۇقا 8:8. *
18ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.
19ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
20شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.
21ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. ◘ 7:21 مات. 25:11؛ لۇقا 6:46؛ 13:25؛ روس. 19:13؛ رىم. 2:13؛ ياق. 1:22. *
22شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. ◼ 7:22 +bd «شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم...» دەيدى»+bd* ــ «شۇ كۈنى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە قىيامەت كۈنى پەقەت «شۇ كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 7:22 يەر. 14:14؛ 27:15؛ لۇقا 13:26. *
23ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن. ◘ 7:23 زەب. 6:8؛ مات. 25:12،41؛ لۇقا 13:25،27. *
24ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ. ◘ 7:24 يەر. 17:8؛ لۇقا 6:47؛ رىم. 2:13؛ ياق. 1:25. *
25يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان.
26بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ. ◘ 7:26 ئەز. 13:11؛ رىم. 2:13؛ ياق. 1:23. *
27يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!
28ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ-توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى.