1ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ:
3ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
4ئەيسا ئۇنىڭغا:
5ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق* بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ: ◘ 8:5 لۇقا 7:1. *
6ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى.
7مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا.
8يۈزبېشى جاۋابەن:
9چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. ◼ 8:9 +bd «مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن...»+bd* ــ «مەن+bd مۇ+bd*» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.*
10ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە:
11سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. ◘ 8:11 لۇقا 13:29. *
12لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرى غۇچۇرلايدۇ، ــ دېدى. ◼ 8:12 +bd «كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كەلگەنلەر...»+bd* ــ (11-ئايەت) يەھۇدىي ئەمەسلەرنى، يەنى يات ئەلىلكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى» بولسا، ئەسلى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇش كېرەك بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 8:12 مات. 13:42؛ 21:43؛ 22:13؛ 24:51؛ لۇقا 13:28. *
13ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا:
14ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. ◘ 8:14 مار. 1:29؛ لۇقا 4:38. *
15ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. ئايال* دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
16كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى.
17بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◘ 8:17 يەش. 53:4؛ 1پېت. 2:24. *
18ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا* دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى.
19شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا:
20ئەيسا ئۇنىڭغا:
21مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا:
22بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا:
23ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. ◘ 8:23 مار. 4:35؛ لۇقا 8:22. *
24ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى.
25مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ:
26ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى. ◘ 8:26 ئايۇپ 26:12؛ زەب. 107:29؛ يەش. 51:10. *
27مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە:
28ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ◼ 8:28 +bd «گادارالىقلار»+bd* ــ ياكى «گېراسالىقلار» («لۇقا» 36:8نى كۆرۈڭ). +bd «جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى»+bd* ــ «گۆرلەردىن» قانائاندا (پەلەستىندە) كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.* ◘ 8:28 مار. 5:1؛ لۇقا 8:26. *
29ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار:
30شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
31جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا:
32ئۇ ئۇلارغا:
33لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى.