ماتتا 9:1-37 UIGB2010 - Bible AI

1شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى. ◼ 9:1 +bd «ئۆزى تۇرغان شەھەر»+bd* ــ كەپەرناھۇمنى دېمەكچى.* ◘ 9:1 مار. 2‏:3؛ لۇقا 5‏:18؛ روس. 9‏:33. *

2ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە:

3ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. ◘ 9:3 زەب. 32‏:5؛ يەش. 43‏:25. *

4ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا:

5«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ

6ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ

7ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى.

8بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.

9ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر باجگىرنى* كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا:

10ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا ماتتانىڭ* ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ◼ 9:10 +bd «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ياتقاندا». شۇ چاغدىلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىشاتتى. +bd «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار»+bd* ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. +bd «گۇناھكارلار»+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.*

11بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا:

12بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا:

13سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى*: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى. ◼ 9:13 +bd «سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «... » دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار+bd* ــ «سىلەر بېرىپ: «پالانى-پالانى سۆزلەر»نى ئۆگىنىڭلار» دېگەن سۆزلەر يەھۇدىي تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ باشقىلارغا يوليورۇق كۆرسەتكەندە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەسىھنىڭ بۇنى ئىشلىتىشى چوقۇم ئۇلارنى رەنجىتتى. خۇدانىڭ بۇ بېشارىتى تەۋراتتا، «ھوش.» 6:6دە تېپىلىدۇ. +bd «... ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم»+bd* ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى.* ◘ 9:13 ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 12‏:7؛ مار. 2‏:17؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1تىم. 1‏:15. *

14شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ* مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

15ئەيسا جاۋابەن:

16ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق كىرىشىپ*، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. ◼ 9:16 +bd «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ»+bd* ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

17شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن* تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. ◘ 9:17 مار. 2‏:22. *

18ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا* بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ:

19ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

20ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. ◘ 9:20 لاۋ. 15‏:25؛ مار. 5‏:25؛ لۇقا 8‏:43. *

21چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.

22ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ:

23ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، ◘ 9:23 مار. 5‏:38؛ لۇقا 8‏:51. *

24ئۇلارغا:

25كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى.

26بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى.

27ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ:

28ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن:

29ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

30ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا:

31لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى. ◘ 9:31 مار. 7‏:36. *

32ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ◘ 9:32 مات. 12‏:22؛ لۇقا 11‏:14. *

33ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ:

34لېكىن پەرىسىيلەر:

35ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. ◘ 9:35 مار. 6‏:6؛ لۇقا 13‏:22. *

36لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. ◘ 9:36 يەر. 23‏:1؛ ئ‍ەز. 34‏:2؛ مار. 6‏:34. *

37شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا:

© 2010 Institute for Bible Translation
v>