ماركۇس 1:1-45 UIGB2010 - Bible AI

1خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى: ◼ 1:1 \+bd «ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرى»\+bd* ــ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن، ئۆزى توغرۇلۇق خۇش خەۋەردۇر. \+bd «خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى»\+bd* ــ ماركۇس ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق بۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئۆزى خۇدا ئالەمنى ياراتقىنىدەك يېڭى بىر باشلىنىش كەلدى، دەپ كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن («يار.» 1:1).

2يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك: ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ. ◼ 1:2 \+bd «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ»\+bd* ــ سۆزلىگۈچى خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ سۆزلەر ئاۋۋال «مىس.» 20:23 ھەم «مال.» 1:3دە كۆرۈنىدۇ. ◘ 1:2 مىس. 23‏:20؛ مال. 3‏:1؛ مات. 11‏:10؛ لۇقا 7‏:27.

3ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ». ◼ 1:3 \+bd «ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، *ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!»\+bd* ــ «يەش.» 3:40. ◘ 1:3 يەش. 40‏:3؛ مات. 3‏:3؛ لۇقا 3‏:4؛ يـۇھ. 1‏:23.

4كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا پەيعەمبەر چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى. ◼ 1:4 \+bd «يەھيا پەيعەمبەر چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ...»\+bd* ــ ئەرەبچە «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا ۋە گرېك تىلىدا ئۇچرايدىغان «يۇھاننا» دېگەن ئىسىمدۇر؛ مەنىسى، «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى»دۇر. \+bd ««گۇناھلارغا كەچەرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان «چۆمۈلدۈرۈش»»\+bd* ــ «چۆمۈلدۈرۈش» بولسا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ!» ــ دېگەندەك. ◘ 1:4 مات. 3‏:1؛ لۇقا 3‏:3؛ يـۇھ. 3‏:23.

5پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. ◘ 1:5 مات. 3‏:5؛ لۇقا 3‏:7.

6يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. ◘ 1:6 2پاد. 1‏:8؛ لاۋ. 11‏:22؛ مات. 3‏:4.

7ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: ــ مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ◘ 1:7 مات. 3‏:11؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:27.

8مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ◘ 1:8 يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:29،28؛ مات. 3‏:11؛ روس. 1‏:5؛ 2‏:4؛ 11‏:16،15؛ 19‏:4. مەسىھنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى مات. 3‏:13-17؛ لۇقا 3‏:21-22

9شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.

10ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ◼ 1:10 \+bd «روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى»\+bd* ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «كەپتەر قىياپىتىدە»\+bd* ــ ياكى «پاختەك قىياپىتىدە». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ◘ 1:10 مات. 3‏:16؛ لۇقا 3‏:21؛ يـۇھ. 1‏:32.

11شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ◘ 1:11 زەب. 2‏:7؛ يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

12ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى. ◼ 1:12 \+bd «ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى»\+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «....روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «...روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئىتتىرىپ چىقاردى» دېيىلىدۇ. ◘ 1:12 مات. 4‏:1؛ لۇقا 4‏:1.

13ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. ◼ 1:13 \+bd «ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، ئۇ چۆل-باياۋاندا قىرىق كۈن تۇرغاندا، شەيتاننىڭ سىناقلىرى توختىماي داۋاملاشتۇرۇلغانىدى. «ماتتا» ۋە «لۇقا»دا خاتىرىلەنگەن سىناقلار بۇ قىرىق كۈننىڭ ئاخىرىدا كەلگەن بولۇپ، سىناقلار ئەۋجىگە چىققانىدى. ئەيسانىڭ تۆت بېلىقچىنى چاقىرىشى مات. 4‏:12-22؛ لۇقا 4‏:14-15؛ 5‏:1-11

14‏-15 ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. ◼ 1:14‏-15 \+bd «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى»\+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى». ◘ 1:14‏-15 مات. 4‏:12؛ لۇقا 4‏:14؛ يـۇھ. 4‏:43.

16شۇ كۈنلەردە ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمون بىلەن ئىنىسى ئاندرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى. ◼ 1:16 \+bd «ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى»\+bd* ــ مۇشۇ خىل تور ئادەتتە كېمىنىڭ كەينىدىن تارتىلاتتى. ◘ 1:16 مات. 4‏:18.

17ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار, مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. ◼ 1:17 \+bd «مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن!»\+bd* ــ «ئادەمنى تۇتقۇچى» مۇشۇ يەردە «تۇتۇش» زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئىلكىدىن ئېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 1:17 يەر. 16‏:16؛ ئ‍ەز. 47‏:10.

18ئۇلار شۇئان تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ◘ 1:18 مات. 19‏:27؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 5‏:11؛ 18‏:28.

19ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ◘ 1:19 مات. 4‏:21.

20ئۇ شۇئان ئۇلارنىمۇ چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى. ئەيسانىڭ جىن چاپلاشقان ئادەمنى ئازاد قىلىشى لۇقا 4‏:31-37

21ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ◼ 1:21 \+bd «ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى»\+bd* ــ «سىناگوگ»لار ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبابەت قىلىشقا يىغىلىدىغان جايلىرى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ◘ 1:21 مات. 4‏:13؛ لۇقا 4‏:31.

22خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. ◘ 1:22 مات. 7‏:28؛ لۇقا 4‏:32.

23سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: ◼ 1:23 \+bd «ناپاك روھ»\+bd* ــ جىننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇنداق ئىبارە جىنلارنىڭ ئەينى ناپاكلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ◘ 1:23 لۇقا 4‏:33.

24ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى.

25لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! ــ دېدى.

26ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى.

27خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى.

28بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى. ئەيسانىڭ سىموننىڭ ئۆيىدە بىمارلارنى ساقايتىشى مات. 8‏:14-17؛ لۇقا 4‏:38-41

29ئۇلار سىناگوگتىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى. ◘ 1:29 مات. 8‏:14؛ لۇقا 4‏:38.

30ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئەيساغا ئېيتتى.

31ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى.

32كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ◼ 1:32 \+bd «كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى»\+bd* ــ شۇ كۈنى «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى) بولۇپ، خەلق بىمارلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىش ئۈچۈن كەچقۇرۇنغىچە كۈتكەنىدى. ئىبرانىيلارغا نىسبەتەن «يېڭى بىر كۈن» كەچقۇرۇندا باشلىنىدۇ. ◘ 1:32 مات. 8‏:16؛ لۇقا 4‏:40.

33پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى.

34شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى. دۇئا قىلىش، تەلىم بېرىش لۇقا 4‏:42-44

35ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەردىن چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ◘ 1:35 مات. 14‏:23؛ لۇقا 4‏:42.

36سىمون بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى ئىزدەپ چىقتى.

37ئۇنى تاپقاندا: ــ ھەممە ئادەم سېنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى.

38ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقا يەرلەرگە، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ سۆز-كالامنى جاكارلىشىم ئۈچۈن بارايلى. چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم، ــ دېدى. ◼ 1:38 \+bd «چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن چىقىشىم». ◘ 1:38 يەش. 61‏:1؛ لۇقا 4‏:18؛43.

39شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى. ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسەلنى ساقايتىشى مات. 8‏:1-4؛ لۇقا 5‏:12-16

40ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى. ◼ 1:40 \+bd «ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى»\+bd* ــ «ماخاۋ كېسىلى» بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك دەپ قاراپ ئۇلارغا قەتئىي يېقىنلاشمايتتى. ◘ 1:40 مات. 8‏:2؛ لۇقا 5‏:12.

41ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى،

42شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى.

43ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ مەسئۇل كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن، ــ دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى. ◼ 1:43 \+bd «مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان قۇربانلىقنى سۇنغىن»\+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا شۇنداق ئەمرنى كۆرسەتكەن: ــ بىر ماخاۋ كېسىلى ساقايتىلغان بولسا، ئۇ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساقايتىلغانلىقىنى كاھىنغا كۆرسىتىپ، ئاندىن ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقلارنى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەردىن باشلاپ مەسىھ ئەيسا كەلگۈچە، بۇ مۇراسىم ھېچ ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس ئىدى. «لاۋ» 14-بابنى كۆرۈڭ. ◘ 1:43 لاۋ. 13‏:2؛ 14‏:1.

45بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>