1ئۇ ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسى تەرەپلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغىمۇ باردى. توپ-توپ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ◘ 10:1 مات. 19:1. *
2بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
3لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا پەيغەمبەر* سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى.
4ئۇلار: ــ مۇسا پەيغەمبەر* كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، ــ دېيىشتى. ◼ 10:4 +bd «مۇسا پەيغەمبەر كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان»+bd* ــ مۇشۇ ئەمرنىڭ توغرىسى «قان.» 1:24دە تېپىلىدۇ.
5ئەيسا ئۇلارغا:
6لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا ئىنسانلارنى* «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». ◘ 10:6 يار. 1:27، 2:24، 5:2؛ مات. 19:4. *
7«شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ◘ 10:7 يار. 2:24؛ 1كور. 6:16؛ ئەف. 5:31. *
8ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. ◼ 10:8 +bd «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ»+bd* ــ «يار.» 24:2.* ◘ 10:8 يار. 2:24*
9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، ــ دېدى. ◘ 10:9 1كور. 7:10. *
10ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى.
11ئۇ ئۇلارغا:
12ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى. ◼ 10:12 +bd «+bdit ئايال+bdit* ..ئېرىنى قويۇۋېتىپ... »+bd* ــ يەھۇدىي جەمئىيىتىدە بۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. لېكىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا دائىم يۈر بېرەتتى. شۇڭا شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
13قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. ◘ 10:13 مات. 19:13؛ لۇقا 18:15. *
14بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا:
15مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى. ◼ 10:16 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى گرېك تىلىغا قارىغاندا، مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ، بالىلارغا ئايرىم-ئايرىم بەخت تىلىدى.* ◘ 10:16 مات. 19:15؛ مار. 9:36. *
17ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن:
18لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا:
19سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، ــ دېدى. ◼ 10:19 +bd «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل»+bd* ــ مۇشۇ ئەمرلەر «مىس.» 12:20-16، «قان.» 16:5-20 ۋە 14:24دە تېپىلىدۇ.* ◘ 10:19 مىس. 20:12-16؛ 21:12؛ قان. 5:16-20؛ قان. 24:14؛ رىم. 13:9. *
20ئۇ ئادەم جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى.
21ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا:
22لېكىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا:
24مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن:
25تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
26ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:
27ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:
28بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا:
29ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
30بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ.
31لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. ◘ 10:31 مات. 19:30؛ 20:16؛ لۇقا 13:30. *
32ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. مۇخلىسلىرى* بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ: ◼ 10:32 +bd «مۇخلىسلىرى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «ئۇلار» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. +bd «مۇخلىسلىرى بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى»+bd* ــ ئۇلارنىڭ ھەيران قېلىش ياكى قورقۇنچتا بولۇشنىڭ سەۋەبى: (1) ئۇ ئادەتتىكىدەك ئۇلار بىلەن بىللە ماڭماي، بەلكىم نامەلۇم سەۋەبتىن ئالدىدا يالغۇز ماڭاتتى؛ (2) ئۇ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شۇ شەھەرگە ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ.* ◘ 10:32 مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:18؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ لۇقا 9:22؛ 18:31؛ 24:7. *
33ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ.
34ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. ◼ 10:34 +bd «ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ...»+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازالانغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى. جازالانغۇچى بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا مۇشۇ قامچىلاشتىن ئۆلەتتى.*
35زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
36ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دېدى.
37ــ سەن شان-شەرىپىڭدە بولغىنىڭدا، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭدا ئولتۇرغۇزغايسەن، ــ دېيىشتى ئۇلار.
38ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟ ◼ 10:38 +bd «مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قەدەھ» دېگەن سۆز، ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتىدۇ. +bd «مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟»+bd* ــ مەسىھ كۆرسەتكەن بۇ «چۆمۈلدۈرۈش» شۈبھىسىزكى، ئۆز ئۆلۈمىدۇر. «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يازغان «چۆمۈلدۈرۈش» توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 10:38 مات. 20:22؛ لۇقا 12:49،50. *
39ــ قىلالايمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.
40بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولۇش مېنىڭ ئىلىكىمدە ئەمەس؛ بەلكى كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلارغا بېرىلىدۇ، ــ دېدى. ◘ 10:40 مات. 25:34. *
41بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قالغان* ئون مۇخلىس* ياقۇپ بىلەن يۇھاننادىن خاپا بولۇشقا باشلىدى. ◘ 10:41 مات. 20:24. *
42لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:
43بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ◘ 10:43 1پېت. 5:3. *
44ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن.
45چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى. ◼ 10:45 +bd «ئىنسانئوغلىمۇ... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى»+bd* ــ نېمىدىن «ئازاد قىلىش» ــ گۇناھتىن ئازاد قىلىشتۇر.* ◘ 10:45 يـۇھ. 13:14؛ ئەف. 1:7؛ فىل. 2:7؛ كول. 1:14؛ 1تىم. 2:6؛ تىت. 2:14. *
46ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. ئەيسا* مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ◼ 10:46 +bd «تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى»+bd* ــ «قارىغۇ» گرېك تىلىدا «ھېلىقى قارىغۇ» دېيىلىدۇ ــ دېمەك، بارتىماي جامائەتلەر ئىچىدە كۆپ ئادەملەرگە تونۇش ئىدى.* ◘ 10:46 مات. 20:29؛ لۇقا 18:35. *
47ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:
48نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ:
49ئەيسا توختاپ:
50ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.
51ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: