ماركۇس 11:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1‏-2 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا:

3ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. ◼ 11:3 +bd «ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ دەرھال سىلەرگە يېتىلىتىپ قويىدۇ».*

4ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاقلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى. ◼ 11:4 +bd «ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاقلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى»+bd* ــ ئادەتتە كوچىلار ئىنتايىن تار بولغاچقا، مال-چارۋىلار كوچىدا باغلاپ قويۇلمايتتى. تەخەينىڭ «ئاچا يول»دا باغلاقلىق بولۇشى خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇنى ئېلىپ مېڭىشى ئوغرىلىقچە ئىش بولمىسۇن دېگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.*

5ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر:

6مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى.

7مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى. ◘ 11:7 2پاد. 9‏:13؛ يـۇھ. 12‏:14. *

8ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى. ◼ 11:8 +bd «...باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «باشقىلىرى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى» دەپ ئوقۇلىدۇ.*

9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر:

10ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. ◼ 11:10 +bd «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!»+bd* ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە مەنىسى «خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە»مۇ بولۇپ قالغانىدى. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.

11ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى. ◼ 11:11 +bd «ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى»+bd* ــ يېرۇسالېمدىكى بۇ چوڭ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «ھاگاي»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 11:11 مات. 21‏:12،14؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. *

12ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. ◘ 11:12 مات. 21‏:18. *

13يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى. ◼ 11:13 +bd «يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى»+bd* ــ قانائان (پەلەستىن)دىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك.

14ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ:

15ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ ◼ 11:15 +bd «ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...»+bd* ــ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق: ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى. +bd «ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى»+bd* ــ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سېتىلغان ھايۋان ۋە ئۇچار-قاناتلار خەلقنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئىبادەتخانىغا سەدىقە بەرگۈچىلەر پۇلىنى يەرلىك پۇلغا تېگىشكەندىن كېيىن بېرىشى كېرەك ئىدى.* ◘ 11:15 مال.3‏:1-5؛ مات. 21‏:12؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. *

16ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى.

17ئۇ خەلققە:

18باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى. ◘ 11:18 يەش.49‏:7؛ مات.21‏:46.*

19كەچقۇرۇن، ئۇ مۇخلىسلىرى* بىلەن* شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. ◼ 11:19 +bd «كەچقۇرۇن، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «كەچقۇرۇن، ئۇلار شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كەچقۇرۇنلىرى، ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى». ئىشلار دەرۋەقە ھەر كۈنى شۇنداق بولاتتى.*

20ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. ◼ 11:20 +bd «دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەن ...»+bd* ــ بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.*

21دەرەخنىڭ ھالىتىنى* ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس:

22ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

23مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ◘ 11:23 مات. 17‏:20؛ 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6. *

24شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. ◘ 11:24 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. *

25ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ◘ 11:25 مات. 6‏:14؛ كول. 3‏:13. *

26لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. ◼ 11:26 +bd «لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ 26-ئايەت تېپىلمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئايەت ھەقىقەتتۇر. «مات.» 15:6نى كۆرۈڭ.* ◘ 11:26 مات. 18‏:35. *

27ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ◘ 11:27 مات. 21‏:23؛ لۇقا 20‏:1. *

28ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. ◘ 11:28 مىس. 2‏:14؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:27. *

29ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:

30ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ!

31ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ:

32ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى). ◘ 11:32 مات. 14‏:5؛ مار. 6‏:20. *

© 2010 Institute for Bible Translation
div>