ماركۇس 12:1-43 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:

2ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن تېگىشلىكىنى* ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.

3لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ.

4خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ.

5خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.

6خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.

7لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ. ◘ 12:7 يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:8؛ مات. 26‏:3؛ يـۇھ. 11‏:53*

8شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ.

9ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئۆزى كېلىپ باغۋەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ.

10ئەمدى سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟ ــ

11بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر،

12ئۇلار ئۇنىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەشتى؛ ھالبۇكى، خالايىقتىن قورقۇشۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.

13شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىرنەچچە پەرىسىي ۋە ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ◼ 12:13 +bd «ھېرود +bdit پادىشاھ+bdit*نىڭ تەرەپدارلىرى»+bd* ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى.

14ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. سىلىچە*، رىم ئىمپېراتورى* قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ◼ 12:14 +bd «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش...»+bd* ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرىلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. +bd «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟»+bd* ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.*

15زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى.

16ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئۇلاردىن:

17ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇنداق بولسا*، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. ◼ 12:17 +bd «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»+bd* ــ دېمەك، «قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).* ◘ 12:17 مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ رىم. 13‏:7. *

18ئاندىن «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: ◼ 12:18 +bd «سادۇقىيلار»+bd* ــ بۇ مەزھەپدىكىلەر توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 12:18 مات. 22‏:23؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8. *

19ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر* تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. ◼ 12:19 +bd «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىرسنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۆلسە،...». +bd «ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم»+bd* ــ «قان.» 5:25.* ◘ 12:19 يار. 38‏:8؛ قان. 25‏:5، 6. *

20بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى.

21ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى.

22شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.

23ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى.

24ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

25چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. ◘ 12:25 مات. 22‏:30؛ 1يۇھ. 3‏:2. *

26ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە تەۋراتتا*، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ◼ 12:26 +bd «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!»+bd* ــ «مىس.» 6:3.* ◘ 12:26 مىس. 3‏:6،15؛ مات. 22‏:31،32؛ روس. 7‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. *

27ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر! شۇڭا سىلەر قاتتىق ئېزىپ كەتكەنسىلەر! ◼ 12:27 +bd «ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!»+bd* ــ ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*

28ئۇلارغا يېقىن كەلگەن، مۇنازىرىلەشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن:

29ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

30پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر.

31ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: ــ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. ◘ 12:31 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8. *

32تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: ــ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛ ◼ 12:32 +bd «چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر»+bd* ــ «ئۇ» خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

33ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر.

34ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ:

35ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى:

36چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ

37داۋۇت مەسىھنى* شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ* قانداقمۇ داۋۇتنىڭ* ئوغلى بولىدۇ؟

38ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەرگىنىدە مۇنداق دېدى:

39سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردە تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.

40ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! ◘ 12:40 مات. 23‏:14؛ لۇقا 20‏:47؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11. *

41ئۇ ئىبادەتخانىدىكى سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇللىرىنى تاشلاۋاتقان خالايىققا قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تاشلاشتى. ◼ 12:41 +bd «سەدىقە ساندۇقى»+bd* ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «خەزىنە»نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ئۈچۈن سەدىقىلەر يىغىلىدىغان جاي، بەلكىم چوڭ بىر ساندۇقنى كۆرسەتسە كېرەك.* ◘ 12:41 2پاد. 12‏:10؛ لۇقا 21‏:1. *

42نامرات بىر تۇل ئايالمۇ كېلىپ، تىيىننىڭ تۆتتىن بىرى قىممىتىدىكى ئىككى لەپتوننى تاشلىدى. ◼ 12:42 +bd «ئىككى لەپتون»+bd* ــ «لەپتون» دېگەن بۇ پۇل «دېنارىئۇس»نىڭ 1/128ى بولۇپ، بىر ئىشلەمچىنىڭ «ئالتە مىنۇت»لۇق ھەققىگە توغرا كېلەتتى.*

43ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>