ماركۇس 14:1-71 UIGB2010 - Bible AI

1«ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى. ◼ 14:1 +bd ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى»+bd* ــ بۇ ئىككى ھېيتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «مىس.» 12-باب، «لاۋ.» 23-بابنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ئىبرانىي تىلىدا «پېساق»، ياكى «پاسخا» ھېيتى دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 14:1 مات. 26‏:2؛ لۇقا 22‏:1؛ يـۇھ. 11‏:55؛ 13‏:1. *

2چۈنكى ئۇلار:

3ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. ◼ 14:3 +bd «سىمون ماخاۋ»+bd* ــ يەنى «ماخاۋ كېسىلى» دېيىلىدىغان سىمون» ــ سىمون بەلكىم ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. بىزنىڭچە بۇ ئىش ۋە «يۇھ.» 1:12-11دە خاتىرىلەنگەن ۋەقە بىر ئىشتۇر.* ◘ 14:3 مات. 26‏:6؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:3. *

4لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

5چۈنكى بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى، پۇلى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىنسا بولمامتى! ــ دېيىشتى. ئۇلار ئايالغا شۇنداق تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى. ◼ 14:5 +bd «بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى»+bd* ــ «دىنار» ياكى «دىنارىئۇس» دېگەن رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر «دىنارىئۇس» تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولاتتى. «مات.» 2:20نى كۆرۈڭ.*

6لېكىن ئەيسا ئۇلارغا:

7چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتىڭلاردا ئۇلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتەلەيسىلەر؛ لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ! ◘ 14:7 قان. 15‏:11. *

8ئايال چامىنىڭ يېتىشىچە قىلدى؛ ئۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى. ◼ 14:8 +bd «ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».*

9مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى.

10شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى. ◘ 14:10 مات. 26‏:14؛ لۇقا 22‏:4. *

11ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدا ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتى.

12پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى* سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن:

13ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا:

14ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار.

15ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە بىزگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار، ــ دېدى.

16مۇخلىسلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، يولۇققان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئېيتقاندەك بولدى. شۇ يەردە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى.

17كەچ كىرگەندە، ئۇ ئون ئىككەيلەن بىلەن ئۆيگە كەلدى. ◘ 14:17 مات. 26‏:20؛ لۇقا 22‏:14. *

18ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا ئەيسا:

19ئۇلار بۇ سۆزدىن* قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن:

20لېكىن ئۇ ئۇلارغا:

21ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا* پۈتۈلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى! ــ دېدى. ◼ 14:21 +bd «... بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى!»+bd* ــ يەھۇدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ باش كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا كېرەك. «ماركۇس»، «لۇقا»، «يۇھاننا»دىكى ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈڭ.*

22ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە:

23ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ خۇداغا* تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.

24ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. ◼ 14:24 +bd «بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر»+bd* ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34، «لۇقا» 20:22نى، «ئىبر.» 20:13نى كۆرۈڭ. بەزى كونا كەچۈرمىلەردە پەقەت «ئەھدە» دېيىلىدۇ.*

25مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شارابتىن ئىچىدىغان كۈنگىچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى.

26ئۇلار بىر مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.

27ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:

28لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. ◘ 14:28 مات. 26‏:32؛ 28‏:10؛ مار. 16‏:7. *

29لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا:

30ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن، يەنى بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. ◘ 14:30 مات. 26‏:34؛ لۇقا 22‏:34؛ يـۇھ. 13‏:38. *

31لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا:

32ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى. ◘ 14:32 مات. 26‏:36؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1. *

33ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ◼ 14:33 +bd « +bdit ئەيسا+bdit* ... روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ... روھتا تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى».*

34ئۇ ئۇلارغا:

35ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: ◼ 14:35 +bd «ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇ سائەتنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن...».* ◘ 14:35 لۇقا 22‏:41. *

36ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. ◼ 14:36 +bd «ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا» دېگەن سۆز ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا بولغان يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىكى «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ. بۇ سۆز ھەم مۇھەببەت ھەم چوڭقۇر ھۆرمەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ. +bd «بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن!»+bd* ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

37ئۇ ئۈچەيلەننىڭ* يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا:

38ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. ◼ 14:38 +bd «روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇ»+bd* ــ «كىشىنىڭ ئەتلىرى» گرېك تىلىدا «ئەت». ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەت-تەن» دائىم دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئۆز تېنى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدىغان، گۇناھكار تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىم.»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 14:38 گال. 5‏:17. *

39ئاندىن ئۇ يەنە بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قايتىدىن دۇئا قىلدى.

40ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.

41ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا:

42قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى.

43ۋە شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، مانا، ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. ◘ 14:43 مات. 26‏:47؛ لۇقا 22‏:47؛ يـۇھ. 18‏:3. *

44ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى.

45ئۇ كېلىپ ئۇدۇل ئەيسانىڭ* ئالدىغا بېرىپ:

46ئۇلار ئۇنىڭغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.

47ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

48ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا:

49مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. ◘ 14:49 1سام. 24‏:14-15؛ زەب. 22‏:6-7؛ 69‏:9؛ لۇقا 24‏:25*

50بۇ چاغدا، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. ◘ 14:50 ئايۇپ 19‏:13؛ زەب. 88‏:8، 18؛ زەك.13‏:7*

51پەقەت ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ياش ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىۋىدى،

52لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى. ◼ 14:52 +bd «... ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت... لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى»+bd* ــ بىرنەچچە شەرھچىلەر بۇ «مەلۇم ياش يىگىت»نى ماركۇسنىڭ ئۆزى ئىكەن، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ قوشۇلىمىز. ئۇ مۇشۇ يەردە ئۆزىنى «مۇخلىس» دەپ ئاتىمايدۇ. بەلكىم ئۇ مۇشۇ يەردە +bd بارلىق كىشىلەر+bd*نىڭ ئەيسادىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولىدۇ.*

53ئەمدى ئۇلار ئەيسانى باش كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. ◼ 14:53 +bd «باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى»+bd* ــ «ئۇنىڭ يېنىغا» باش كاھىن قايافانىڭ يېنىغا، دېمەك.* ◘ 14:53 مات. 26‏:57؛ لۇقا 22‏:54؛ يـۇھ. 18‏:13،24. *

54پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارايىدىكى ھويلىنىڭ ئىچىگىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كەلدى؛ ئۇ قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئوتنىڭ نۇرىدا ئوتسىنىپ ئولتۇردى.

55باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. ◼ 14:55 +bd «ئالىي كېڭەشمە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سانھېدرىن».* ◘ 14:55 مات. 26‏:59؛ روس. 6‏:13. *

56چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھچىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيتتى.

57بەزى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:

58ــ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېدى. ◼ 14:58 +bd «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن»+bd* ــ «يۇھ.» 19:2نى كۆرۈڭ. ئۇلار مەسىھنىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغانىدى.* ◘ 14:58 مار. 15‏:29؛ يـۇھ. 2‏:19. *

59ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى.

60ئاندىن باش كاھىن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن:

61لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن:

62شۇنداق، مەن ئۆزۈم، ــ دېدى ئەيسا، ــ ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ◼ 14:62 +bd «سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر»+bd* ــ تەۋرات، «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ.* ◘ 14:62 دان. 7‏:13؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. *

63شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ:

64ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى.

65ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، پەيغەمبەرچىلىك* قىلىپ* بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى. ◼ 14:65 +bd «بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، +bdit پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ+bdit* بېشارەت بېرە!»+bd* ــ «مات.» 68:26دە مۇشۇ كىشىلەرنىڭ: «... «قېنى بېشارەت بېرە، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشكەنلىكىمۇ خاتىرىلىدۇ. +bd «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى»+bd* ــ ياكى «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى».* ◘ 14:65 ئايۇپ 16‏:10؛ يەش. 50‏:6؛ يـۇھ. 19‏:3. *

66پېترۇس ساراينىڭ تۆۋەنكى ھويلىسىدا تۇرغاندا، باش كاھىننىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، ◘ 14:66 مات. 26‏:58،69؛ لۇقا 22‏:55؛ يـۇھ. 18‏:16،17. *

67ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:

68لېكىن ئۇ تېنىپ:

69ئۇنى يەنە كۆرگەن ھېلىقى دېدەك يەنە ئۇ يەردە تۇرغانلارغا:

70پېترۇس* يەنە ئىنكار قىلدى.

71لېكىن ئۇ قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>