ماركۇس 15:1-46 UIGB2010 - Bible AI

1ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي* پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. ◘ 15:1 زەب. 2‏:2؛ مات. 27‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28؛ روس. 3‏:13. *

2پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:

3باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى.

4پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە:

5بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. ◘ 15:5 يەش. 53‏:7*

6ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش* ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى. ◘ 15:6 مات. 27‏:15؛ لۇقا 23‏:17؛ يـۇھ. 18‏:39. *

7ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى. ◘ 15:7 مات. 27‏:16؛ لۇقا 23‏:19؛ يـۇھ. 18‏:40. *

8خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى. ◼ 15:8 +bd «خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خالايىق (ۋالىينىڭ) ئالدىغا كېلىپ...».*

9پىلاتۇس ئۇلارغا:

10(چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى).

11لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى. ◘ 15:11 مات. 27‏:20؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40؛ روس. 3‏:14. *

12پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە:

13ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.

14پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى.

15شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە* تاپشۇردى. ◼ 15:15 +bd «ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن...»+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى.* ◘ 15:15 مات. 27‏:26؛ يـۇھ. 19‏:1. *

16ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى. ◼ 15:16 +bd «ۋالىي ئوردىسىدىكى سەينا»+bd* ــ گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم». +bd «لەشكەرلەر توپى»+bd* ــ (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان.* ◘ 15:16 مات. 27‏:27؛ يـۇھ. 19‏:2. *

17ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. ◼ 15:17 +bd «ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى»+bd* ــ «سۆسۈن رەڭ» شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مات.» 28:27، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «سەن پادىشاھمۇ؟!» دەپ مازاق قىلماقچى.*

18ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى.

19ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. ◼ 15:19 +bd «ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ...»+bd* ــ ياكى «ئاندىن بېشىغا ھاسا بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ...».*

20ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى.

21كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). لەشكەرلەر* ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئەيسانىڭ* كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. ◼ 15:21 +bd «لەشكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى»+bd* ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» توغرۇلۇق: ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ يۈدۈپ ماڭالمىسا كېرەك.* ◘ 15:21 مات. 27‏:32؛ لۇقا 23‏:26. *

22ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛ ◘ 15:22 مات. 27‏:33؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:17. *

23ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. ◼ 15:23 +bd «... ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى»+bd* ــ كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن. بىراق ئەيسا رەت قىلدى.*

24ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. ◼ 15:24 +bd «ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى»+bd* ــ ياكى «ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە كىمىيملىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى».* ◘ 15:24 زەب. 22‏:18؛ مات. 27‏:35؛ لۇقا 23‏:34؛ يـۇھ. 19‏:23. *

25ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى. ◼ 15:25 +bd «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى»+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت بولسا، ئەتىگەن سائەت توققۇز ئىدى.*

26ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى. ◼ 15:26 +bd «ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى»+bd* ــ بۇ شىكايەتنامە ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە بېكىتىلگەنىدى («مات.» 37:27).* ◘ 15:26 مات. 27‏:37؛ لۇقا 23‏:38؛ يـۇھ. 19‏:19. *

27ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى.

28شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◼ 15:28 +bd «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى»+bd* ــ «يەش.» 12:53.* ◘ 15:28 يەش. 53‏:12؛ لۇقا 22‏:37. *

29ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ:

30ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.

31باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ:

32ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.

33ئەمدى كۈننىڭ* ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى. ◼ 15:33 +bd «كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى»+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمىسى بويىچە مۇشۇ ھالەت چۈش ۋاقتىدىن (سائەت ئون ئىككىددىن) باشلاپ سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى.* ◘ 15:33 مات. 27‏:45؛ لۇقا 23‏:44. *

34توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. ◼ 15:34 +bd «توققۇزىنچى سائەتتە»+bd* ــ ھازىرقى ۋاقىت بولسا سائەت ئۈچلەردە. +bd «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»+bd* ــ «زەب.» «1:22»نى كۆرۈڭ.* ◘ 15:34 زەب. 22‏:1-2؛ مات. 27‏:46. *

35ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ:

36ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ:

37ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. ◼ 15:37 +bd «ئەيسا... روھىنى قويۇۋەتتى»+bd* ــ «روھىنى قويۇۋەتتى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەيسا... تىنىقىنى توختاتتى».*

38ۋە شۇ ئەسنادا* ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچىگە بۆلۈپ يىرتىلدى. ◼ 15:38 +bd «... شۇ ئەسنادا ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچىگە بۆلۈپ يىرتىلدى»+bd* ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ).* ◘ 15:38 2تار. 3‏:14؛ مات. 27‏:51؛ لۇقا 23‏:45. *

39ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:

40ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. ◼ 15:40 +bd «يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم»+bd* ــ «مات.» 56:27دە «يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم».* ◘ 15:40 مات. 27‏:55؛ لۇقا 23‏:49. *

41ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا* قاراپ تۇراتتى. ◘ 15:41 لۇقا 8‏:2، 3. *

42كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)، ◼ 15:42 +bd «تەييارلاش كۈنى»+bd* ــ ئادەتتە شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. شابات كۈنىدە ھەرقانداق ئىشلەش (مەسىلەن ئوتۇن تېرىش، ئوت يېقىش، خېمىر يۇغۇرۇش قاتارلىقلار) مەنئى قىلىنغاچقا، شابات كۈنىدىكى بارلىق تاماقلارنى ئاندىنقى كۈنى، يەنى جۈمە كۈنىدە تەييارلاش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قائىدە بويىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى شابات كۈنىدە كرېستتە قالسا بولمايتتى («قان.» 23:21نى كۆرۈڭ).* ◘ 15:42 مات. 27‏:57؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 19‏:38. *

43ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ ۋالىي* پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

44پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى.

45يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى.

46يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن* چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى. ◘ 15:46 مات. 12‏:40؛ 26‏:12؛ 27‏:60؛ لۇقا 23‏:53. *

© 2010 Institute for Bible Translation
div>