1شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. ◼ 16:1 +bd «شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا»+bd* ــ شابات كۈنى شەنبە كۈنى كەچتە كۈن پېتىشى بىلەن باشلىناتتى. +bd «... ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى»+bd* ــ ياكى «ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالغانىدى». بۇ ئىشقا قارىغاندا، ئاياللار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغانىدى!* ◘ 16:1 مات. 28:1؛ لۇقا 24:1؛ يـۇھ. 20:1. *
2ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى. ◼ 16:2 +bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ يەنى يەكشەنبە كۈنى.*
3ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى.
4لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى.
5ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. ◘ 16:5 مات. 28:2؛ يـۇھ. 20:12. *
6لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
7لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى. ◼ 16:7 +bd «..بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار»+bd* ــ ماركۇس بىۋاسىتە دېمىگىنى بىلەن ھەممىمىز بۇ سۆزلىگۈچى «ياش ئادەم»نى پەرىشتە دەپ بىلىمىز (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 16:7 مات. 26:32؛ 28:10؛ مار. 14:28؛ روس. 1:3؛ 13:31؛ 1كور. 15:5. *
8ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى. ◼ 16:8 +bd «ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى»+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم مۇخلىسلىرىدىن باشقا ھېچكىمگە ئېيتمىدى (مەسىلەن، «مات.» 8:28، 10نى كۆرۈڭ).* ◘ 16:8 مات. 28:8؛ لۇقا 24:9؛ يـۇھ. 20:18. *
9ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. ◼ 16:9 +bd «ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى...»+bd* ــ 9-20-ئايەتلەر ئىككى قەدىمىي كۆچۈرمىدىن باشقا، ھەممە كۆچۈرمىلەردىن تېپىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ «ماركۇس»نىڭ ھەقىقىي بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە ھېچ گۇمانىمىز يوق؛ بىراق مۇشۇ يەردە سەھىپە چەكلىمىسىدىن تولۇق ئىسپات كەلتۈرەلمەيمىز. ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ «دېن بۇرگون»نىڭ ««ماركۇس»نىڭ ئاخىرقى ئون ئىككى ئايەتلىرى» دېگەن كىتابىنى ئىنتېرنېتتىن تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.* ◘ 16:9 لۇقا 8:2؛ يـۇھ. 20:14،16. *
10مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى.
11ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى.
12بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى. ◘ 16:12 لۇقا 24:13. *
13بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى.
14ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى. ◘ 16:14 لۇقا 24:36؛ يـۇھ. 20:19؛ 1كور. 15:5. *
15ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
16ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. ◘ 16:16 يـۇھ. 3:18؛ 12:48. *
17ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، ◼ 16:17 +bd «يېڭى تىللار»+bd* ــ دېمەك ئۆزى ئۆگەنمىگەن تىللار. «روس.» 4:2-11نى، «1كور.» 12-، 14-بابنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.* ◘ 16:17 لۇقا 10:17؛ روس. 2:4؛ 5:16؛ 8:7؛ 10:46؛ 16:18؛ 19:6،12. *
18ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ. ◼ 16:18 +bd «ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ...»+bd* ــ مەسىلەن، «روس.» 3:28-6نى كۆرۈڭ. +bd «ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ... ... قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ»+bd* ــ ئېنىقكى، ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن «مۆجىزىلىك ئالامەتلەر» مەسىھكە ئىمان-ئىشەنچ كەلتۈرگەندىن +bd كېيىنلا+bd* كېلىدۇ («مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر +bd ئەگىشىپ+bd* ھەمراھ بولىدۇ» (17-ئايەت)). «ئالامەتلەرنى كۆرسەم، +bd ئاندىن+bd* ئىشىنىمەن» دېگۈچىلەر ھەردائىم كۆپ، ئەلۋەتتە.* ◘ 16:18 لۇقا 10:19؛ روس. 28:5، 8. *
19شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. ◼ 16:19 +bd «شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى»+bd* ــ «شۇڭا» ــ رەب ۋەدە قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەتلەر» پەقەت مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بولاتتى؛ ئۇ ئەرشكە كۆتۈرۈلمىگەن بولسا، مۇقەددەس روھ كېلەلمەيتتى. +bd شۇڭا+bd* (ئۆز سۆز-كالامىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى مۇمكىن قىلىش ئۈچۈن) ئۇ ئەرشكە كۆتۈرۈلمىسە بولمايتتى.* ◘ 16:19 لۇقا 24:50،51؛ روس. 1:9. *
20مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى. ◼ 16:20 +bd «رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ...»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «رەب ئەيسا ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ...» دېيىلىدۇ.* ◘ 16:20 روس. 1:2؛ 14:3؛ 1تىم. 3:16؛ ئىبر. 2:4. *