1ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا خەلققە* تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى. ◘ 4:1 مات. 13:1؛ لۇقا 8:4. *
2ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
3ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا* چىقىپتۇ.
4ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
5بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
6لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ.
8بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ.
10ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى. ◼ 4:10 +bd «ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر» ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر (ئون ئىككىيلەندىن سىرت)نى كۆرسەتسە كېرەك.* ◘ 4:10 مات. 13:10؛ لۇقا 8:9. *
11ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
12بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛
13ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:
14ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. ◘ 4:14 مات. 13:19؛ لۇقا 8:11. *
15ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ.
16بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
17ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
18تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن،
19لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. ◘ 4:19 مات. 19:23؛ مار. 10:23؛ لۇقا 18:24؛ 1تىم. 6:9. *
20لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
21ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
22چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ. ◘ 4:22 ئايۇپ 12:22؛ مات. 10:26؛ لۇقا 8:17؛ 12:2. *
23ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
24ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر باشقىلارغا* قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ. ◼ 4:24 +bd «سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار»+bd* ــ بۇ سۆز كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى كېرەك؛ مەسىلەن: (1) ئادەم خۇدانىڭ سۆزىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ ئېتىبار بەرسە، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەقىل بېرىدۇ؛ (2) بىز باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتسەك، خۇدامۇ بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ؛ (3) ((2)-تەرىپىگە يېقىن) بىز باشقىلارنى قايسى ئۆلچەم بىلەن باھالىساق، خۇدا بىزنى باھالىغاندا دەل شۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ؛ (4) باشقىلارغا قانچىلىك خەير-ساخاۋەت كۆرسەتسەك، خۇدامۇ كېيىن بىزگە شۇنچىلىك ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 4:24 مات. 7:2؛ لۇقا 6:38. *
25چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ◼ 4:25 +bd «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ»+bd* ــ «كىمدە بار بولسا... » ــ بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەرنېمە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى پەقەت مەسىھتىنلا تاپالايمىز.* ◘ 4:25 مات. 13:12؛ 25:29؛ لۇقا 8:18؛ 19:26. *
26ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
27ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
28تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ.
29دان پىشقاندا، چاچقۇچى* دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. ◼ 4:29 +bd «چاچقۇچى دەرھال ئورغاق سالىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «چاچقۇچى دەرھال ئورغاق ئەۋەتىدۇ».*
30ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
31ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، ◼ 4:31 +bd «گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،...»+bd* ــ ياكى «گەرچە تۇپراق ئىچىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،...».*
32تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ. ◼ 4:32 +bd «...ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ»+bd* ــ ياكى «...ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە ئۇۋۇلايدۇ». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتردىن ئېشىپ كېتىدىغان، ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.*
33ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى. ◘ 4:33 مات. 13:34. *
34لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
35شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا:
36خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. ◼ 4:36 +bd «... ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى»+bd* ــ مەسىھ ئاللىقاچان كېمىدە ئولتۇرغانىدى (1-ئايەتتە).
37ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى.
38لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ:
39ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ◘ 4:39 ئايۇپ 26:12؛ زەب. 107:29؛ يەش. 51:10. *
40ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.