ماركۇس 5:1-42 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇلار دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا، گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. ◼ 5:1 +bd «گادارا»+bd* ــ بەزى كۆچۈرمىلەردە «گېراسا» ياكى «گەرگەسە» دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 5:1 مات. 8‏:28؛ لۇقا 8‏:26. *

2ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

3ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى.

4چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.

5ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى.

6لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى ◼ 5:6 +bd «ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى»+bd* ــ ياكى «ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە باش قويدى».*

7ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ:

8(چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). ◼ 5:8 +bd «ئەيسا ئۇنىڭغا: «... ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەيسا ئۇنىڭغا: «... ئۇنىڭدىن چىق!» بۇيرۇۋاتاتتى» دېيىلىدۇ.*

9ئۇ ئۇنىڭدىن:

10ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

11تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.

12جىنلار ئۇنىڭغا:

13ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى.

14توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى.

15ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى ــ يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.

16بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى.

17بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.

18ئۇ كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىنلار چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن: مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي، دەپ ئۆتۈندى. ◘ 5:18 لۇقا 8‏:38. *

19لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي:

20ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى «ئون شەھەر رايونى»دا جار قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ھەيران قېلىشتى. ◼ 5:20 +bd «ئون شەھەر رايونى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «دېكاپولىس».*

21ئەيسا قايتىدىن كېمە بىلەن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكەندە، زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى؛ ئۇ دېڭىز بويىدا تۇراتتى. ◘ 5:21 لۇقا 8‏:40. *

22‏-23 مانا، مەلۇم بىر سىناگوگنىڭ چوڭى يائىرۇس ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. ئۇ ئۇنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ:

24ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. زور بىر توپ خالايىقمۇ ئولىشىپ قىستاشقان ھالدا كەينىدىن مېڭىشتى.

25خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، ◘ 5:25 لاۋ. 15‏:25؛ مات. 9‏:20؛ لۇقا 8‏:43. *

26ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.

27بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى.

28چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى.

29خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى. ◼ 5:29 +bd «خۇن شۇئان توختاپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قان ئېقىمى شۇئان توختاپ...».*

30ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ:

31مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا:

32بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى. ◼ 5:32 +bd «ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلىغۇچى» ئايالچە رودتا بولۇپ، رەببىمىزنىڭ ئۆزىنى تۇتقان كىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*

33ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى.

34ئۇ ئۇنىڭغا:

35ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا:

36لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا:

37ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى.

38ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،

39ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا:

40ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى.

41ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى.

42قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>