ماركۇس 8:1-38 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: ◘ 8:1 مات. 15‏:32.

2ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى.

3ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، ــ دېدى.

4مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ ــ دېيىشتى.

5ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، ــ دېيىشتى ئۇلار.

6بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.

7مۇخلىسلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى.

8خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى. ◼ 8:8 \+bd «ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى ... تېرىۋالدى»\+bd* ــ «ئۇلار» ــ مۇخلىسلار ياكى پۈتكۈل خالايىقنى كۆرسىتىدۇ. \+bd «يەتتە سېۋەت...»\+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا بۇ سۆز بەك چوڭ بىر خىل سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ.

9يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى،

10ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى. ◘ 8:10 مات. 15‏:39. پەرىسىيلەرنىڭ مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىشى مات. 16‏:1-4

11پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى. ◼ 8:11 \+bd «پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ...»\+bd* ــ پەرىسىيلەر تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت» ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ◘ 8:11 مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ لۇقا 11‏:29؛ يـۇھ. 6‏:30.

12ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى. ◼ 8:12 \+bd «ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ...»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ روھىدا بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ..». «روھ» مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ (ئىنسانىي) روھىنى بىلدۈرىدۇ. ◘ 8:12 مات. 16‏:4.

13ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى. ساختىپەزلىك «ئېچىتقۇ»سىدىن ساقلىنىش مات. 16‏:5-12

14مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى.

15ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى. ◼ 8:15 \+bd «ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار»\+bd* ــ «مات.» 1:16-12نىمۇ كۆرۈڭ. ◘ 8:15 مات. 16‏:6؛ لۇقا 12‏:1.

16مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى.

17ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ: ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم-پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟ ◘ 8:17 مار. 6‏:52.

18كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟

19بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. ◼ 8:19 \+bd «..قانچە كىچىك سېۋەت..»\+bd* ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «قول سېۋەت». ◘ 8:19 مات. 14‏:17،20؛ مار. 6‏:38؛ لۇقا 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:9.

20ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. ◘ 8:20 مات. 15‏:36،37.

21ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى. ◼ 8:21 \+bd «ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟»\+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ سوئالى مۇخلىسلىرى يىغىۋالغان «ئون ئىككى (كىچىك) سېۋەت» ۋە «يەتتە (چوڭ) سېۋەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قىزىق بىر ئىش شۇكى، ماركۇس ئۆزىنىڭ ئىنجىلدىكى بايانىدا مەسىھنىڭ (ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن باشقا) جەمئىي ئون توققۇز ئالاھىدە مۆجىزىسىنى خاتىرىلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بەيت-سائىدادىكى بىر كورنىڭ ساقايتىلىشى

22ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى.

23ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ◘ 8:23 مار. 7‏:32.

24ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى.

25ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. ◼ 8:25 \+bd «ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى..»\+bd* ــ ياكى «ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈۋىدى...» ياكى «ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى...».

26ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ: ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى. ◼ 8:26 \+bd «يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما»\+bd* ــ مەسىھ نېمىشقا شۇنداق تاپىلىدى؟ شۈبھىسىزكى، بەيت-سائىدادىكىلەر ئاللىقاچان ئۇنىڭ كۆپ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ تېخىچە توۋا قىلمىغانىدى («مات.» 21:11نى كۆرۈڭ). پېترۇسنىڭ ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ دەپ تونۇشى مات. 16‏:13-20؛ لۇقا 9‏:18-21

27ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت-يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ◘ 8:27 مات. 16‏:13؛ لۇقا 9‏:18.

28ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ◘ 8:28 مات. 14‏:2.

29ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى. ◼ 8:29 \+bd «سەن مەسىھدۇرسەن»\+bd* ــ «مەسىھ» دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. ◘ 8:29 مات. 16‏:16؛ يـۇھ. 6‏:69.

30ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى. ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى مات. 16‏:21-28؛ لۇقا 9‏:22-27

31شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى مۇخلىسلىرىغا ئۆگىتىشكە باشلىدى. ◼ 8:31 \+bd «ئىنسانئوغلىنىڭ.... ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى»\+bd* ــ شۇ چاغدا ئىككى «باش كاھىن» بار ئىدى ــ «ئانناس» ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى «قايافا». ◘ 8:31 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 9‏:31؛ 10‏:33؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7.

32ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. ◼ 8:32 \+bd «بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى»\+bd* ــ پېترۇسنىڭ ئەيىبلىشى شۈبھىسىزكى، ئۆزۈڭ ئۇلۇغ پادىشاھ مەسىھ تۇرۇپ، بېشىڭغا مۇشۇنداق دەھشەتلىك ئىشلارنى چۈشۈرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، دېگەندەك. «مات.» 22:16نى كۆرۈڭ.

33لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. ◼ 8:33 \+bd «ئارقامغا ئۆت، شەيتان!»\+bd* ــ ئەيسا بۇ ئايەتتە «شەيتان» دېگەن بۇ سۆزىنى بىرىنچىدىن «دۈشمەن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغان پېترۇسقا ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەيتان ئۆزى پېترۇس ئارقىلىق ئەيساغا پۇتلىكاشاڭ بولماقچى ئىدى. ◘ 8:33 2سام. 19‏:22.

34ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! ◼ 8:34 \+bd «كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!»\+bd* ــ «مات.» 38:10نى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. ◘ 8:34 مات. 10‏:38؛ 16‏:24؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27.

35چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. ◘ 8:35 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25.

36چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ◼ 8:36 \+bd «...جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!»\+bd* ــ «جان» مۇشۇ يەردە پەقەت ھاياتنى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ سالاھىيىتى، روھىي دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ.

37ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! ◘ 8:37 زەب. 49‏:6-9

38چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ. ◼ 8:38 \+bd «زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر»\+bd* ــ «زىناخور» بەلكىم ھەم جىسمانىي ھەم كۆچمە (خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلغۇچى، دېگەن) مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. \+bd «ئىنسانئوغلى»\+bd* ــ مەسىھ، ئەلۋەتتە. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. ◘ 8:38 مات. 10‏:32؛ لۇقا 9‏:26؛ 12‏:8؛ 2تىم. 2‏:12؛ 1يۇھ. 2‏:23.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>