1ئۇ ئۇلارغا يەنە:
2ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، ◘ 9:2 مات. 17:1؛ لۇقا 9:28. *
3كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى.
4ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەر* تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى.
5پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا:
6(چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى).
7تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ◘ 9:7 قان. 18:19؛ يەش. 42:1؛ مات. 3:17؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ لۇقا 3:22؛ 9:35؛ كول. 1:13؛ 2پېت. 1:17. *
8ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى.
9ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. ◘ 9:9 مات. 17:9؛ لۇقا 9:36. *
10ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى.
11ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە:
12ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
13لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر* دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. ◼ 9:13 +bd «لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس پەيغەمبەر دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە مەسىھ يەھيا پەيغەمبەرنى يەنە ئىلىياس پەيغەمبەرگە ئوخشىتىدۇ.* ◘ 9:13 مال. 4:5،6*
14ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
15ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى.
16ئۇ ئۇلاردىن:
17خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:
18ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. ◼ 9:18 +bd «ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ». +bd «قاقشال بولۇپ قالىدۇ»+bd* ــ ياكى «پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ».*
19ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.
20ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. ◘ 9:20 مار. 1:26. *
21ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن:
22جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى.
23ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. ◘ 9:23 لۇقا 17:6. *
24بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ.
25ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ:
26شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى.
27لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
28ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. ◘ 9:28 مات. 17:19. *
29ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل جىن* دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. ◼ 9:29 +bd «بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «روزىدىن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.*
30ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. ◘ 9:30 مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:18؛ مار. 8:31؛ 10:33؛ لۇقا 9:22؛ 18:31؛ 24:7. *
31چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
32لېكىن مۇخلىسلار* بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
33ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن:
34لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
36ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ◘ 9:36 مار. 10:16. *
37ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ◼ 9:37 +bd «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا...»+bd* ــ ياكى «كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى كۈتسە...».* ◘ 9:37 مات. 18:5؛ لۇقا 9:48؛ يـۇھ. 13:20. *
38يۇھاننا ئۇنىڭغا:
39لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ◘ 9:39 1كور. 12:3. *
40چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر.
41چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ◘ 9:41 مات. 10:42. *
42لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. ◘ 9:42 مات. 18:6؛ لۇقا 17:2. *
43ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ◘ 9:43 قان. 13:7؛ مات. 5:30؛ 18:8. *
44چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان* قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ◼ 9:44 +bd «چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ 44- ۋە 46-ئايەت تېپىلمايدۇ.* ◘ 9:44 يەش. 66:24. *
45ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا* پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل.
46چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان* قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ◘ 9:46 يەش. 66:24*
47ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا* پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل.
48چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان* قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ◘ 9:48 يەش. 66:24*
49ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. ◼ 9:49 +bd «ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ»+bd* ــ بۇ سىرلىق جۈملە چوقۇم «لاۋ.» 13:2، «چۆل.» 23:31، «ئەز.» 24:43، «يەش.» 6:34 ۋە 20:66 ھەمدە يۇقىرىقى 42-48 ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەنىسى بەلكىم: ــ (1) گۆش-كۆكتاتلارنى تۇز بىلەن ئۇزۇن ساقلىغىلى بولغاندەك، مەسىھكە ئىشەنمىگەنلەر دوزاخنىڭ ئوتىدا «چىرىماي، ساقلىنىپ» مەڭگۈ جازالىنىدۇ؛ ياكى (2) مەسىھكە ئەگەشكەنلەر مۇشۇ دۇنيادا (تۇز يارىغا سېپىلگەندەك) جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ياكى (3) مەنىسى ھەر ئىككى تەرەپتىكىدەك بولىدۇ ــ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇۋاپىق جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؛ ئېتىقادچىلار مۇشۇ دۇنيادا جاپا-مۇشەققەتلەر ئارقىلىق تاۋلىنىپ پاكلىنىدۇ، ئېتىقادسىزلار دوزاختا مەڭگۈ ئازاب تارتىدۇ. بىزنىڭچە 3-مەنىسى توغرا كېلىشى مۇمكىن. رەببىمىز بۇ يەردە ھەم ئېتىقادچىلارنى ھەم ئېتىقادسىزلارنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. بىزنىڭچە پەقەت ئېتىقادچىلار خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىق بولالايدۇ، شۇڭا ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسىمدا ھەممە ئادەم، ئىككىنچى قىسىمدا ئېتىقادچىلار («قۇربانلىق» سۈپىتىدە) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.* ◘ 9:49 لاۋ. 2:13. *