مالاكى 3:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◼ 3:1 +bd «مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مانا، مەن! مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن،...». +bd «سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ»+bd* ــ بەزىلەر «يەنى»نى «ۋە» دەپ تەرجىمە قىلىپ «سىلەر ئىزدىگەن رەب ۋە سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.

2ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛

3ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ. ◘ 3:3 روس. 6‏:7*

4ئاندىن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ قۇربانلىق-ھەدىيىلىرى پەرۋەردىگارغا كونا زامانلاردىكىدەك، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك شېرىن بولىدۇ.

5مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◼ 3:5 +bd «تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ماھىر ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن».* ◘ 3:5 مىس. 20‏:7؛ 22‏:22؛ قان. 24‏:17؛ ئام. 2‏:7*

6چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن؛ شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر. ◼ 3:6 +bd «مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن»+bd* ــ خۇدا ئۆزگەرمەس بولسا، ئۇنىڭ ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ئەۋلادلىرى ئىسرائىل توغرۇلۇق بولغان ۋەدىلىرىمۇ ئۆزگەرمەستۇر. +bd «شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپ ئوغۇللىرىمۇ ھېچ ئۆزگەرمىگەن».* ◘ 3:6 زەب. 33‏:11-12؛ پەند. 19‏:21؛ يەش. 14‏:26، 27؛ 25‏:9؛ 46‏:10.*

7ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ سىلەر بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇلارنى ھېچ تۇتمىغانسىلەر. مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «بىز قانداقمۇ قايتىپ كېلىمىز؟» ــ دەيسىلەر. ◘ 3:7 زەك. 1‏:3*

8ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر! ◼ 3:8 +bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»+bd* ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق بىر تەرەپتىن بەزى قۇربانلىقلاردىن كاھىنلار ئۈچۈن ئايرىۋېتىلگەن بىر قىسمىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەرخىل (مەيلى مۇقەددەس قانۇن بېكىتكەن ياكى ئىختىيارى بىلەن بولغان) نەرسىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.*

9سىلەر ئېغىر بىر لەنەتكە قالدىڭلار، چۈنكى ماڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ــ سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! ◼ 3:9 +bd «سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر»+bd* ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ ئىنتايىن كىنايىلىك گېپى. خەلق ئۇنىڭغا يات بولۇپ، بۇتپەرەس بىر ئەلگە ئوخشايدۇ.*

10ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟

11شۇنداق بولغاندىلا مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇ توپرىقىڭلاردىكى مېۋىلەرنى ۋەيران قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ باغ-ئېتىزلىرىڭلاردىكى تال ئۈزۈملەر ۋاقىتسىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◼ 3:11 +bd «مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن»+bd* ــ «يالمىغۇچى» بولسا ھەرخىل زىيانلىق ھاشارەت-ھايۋانلارنى (مەسىلەن، چېكەتكىنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

12ــ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى يېرىڭلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر زېمىن بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.

13ــ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ماڭا قاتتىق تەگدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر يەنە: «بىز سەن بىلەن قارشىلىشىدىغان نېمە سۆز قىلدۇق؟» ــ دەيسىلەر. ◘ 3:13 ئايۇپ 21‏:14، 15.*

14ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر،

15ھەم شۇنىڭدەك: «تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز؛ رەزىللىك قىلغۇچىلار روناق تاپىدۇ؛ ئۇلار بەرھەق خۇدانى سىنايدۇ، بىراق قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» ــ دەيسىلەر.

16پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار بۇنى ئاڭلاپ* پات-پات بىر-بىرى بىلەن مۇڭداشتى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى نەزىرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى. ◼ 3:16 +bd «شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى»+bd* ــ بۇ كىتابنى قەيەردە، ئاسماندا ياكى زېمىندا، ياكى كىم يازغانلىقى دېيىلمىگەن.*

17ــ بۇ كىشىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە گۆھەرىمنى يىغقان كۈنىدە مېنىڭكى بولىدۇ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن خۇددى ئادەم ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا ئىچىنى ئاغرىتقاندەك ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن. ◘ 3:17 مىس. 19‏:5؛ يـۇھ. 10‏:29؛ يەش. 62‏:3؛ فىل. 4‏:1؛ 1تېس. 2‏:19*

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>