مالاكى 4:1-6 UIGB2010 - Bible AI

1ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ. ◘ 4:1 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13. *

2لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛ ◼ 4:2 +bd «نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ»+bd* ــ «قاناتلىرى» بەلكىم «ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش»نىڭ نۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەققانىيلىق قۇياشى» دېيىلىدۇ. مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

3سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.

4ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار. ◘ 4:4 قان. 6‏:3*

5ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. ◘ 4:5 مات. 11‏:14؛ 17‏:11، 12، 13؛ مار. 9‏:11، 12، 13؛ لۇقا 1‏:17؛ 9‏:30؛ ۋەھ. 11‏:3-12.*

6ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.

© 2010 Institute for Bible Translation
v>