مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 16:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئېلىمدىن يولغا ئاتلاندى؛ مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى. ◘ 16:1 چۆل. 33‏:5-49*

2ئەمما ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى چۆلدە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى.

3ئىسرائىللار ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى! شۇ يەردە بىز گۆش قايناۋاتقان قازانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىگەنمىدۇق؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ بىزنى بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار! ــ دېيىشتى. ◼ 16:3 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى!...»+bd* ــ ئۇلارنىڭ قاقشاشلىرى تولىمۇ ئورۇنسىز ئىدى، ئەلۋەتتە. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن چارۋا ماللىرى ئاز ئەمەس ئىدى (38:12نى كۆرۈڭ). ئىككىنچىدىن، ئۇلار مىسىردا قۇللۇقتا بولغان چاغلىرىدىمۇ ئۇلار ئېرىشىدىغان يېمەكلىكلەر ئانچە كۆپ بولغان ئەمەس ئىدى («قان.» 7:3، 1:8-3نى كۆرۈڭ).* ◘ 16:3 چۆل. 11‏:4؛ 1كور. 10‏:10*

4بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن. ◘ 16:4 زەب. 78‏:24؛ 105‏:40*

5ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار يىغىۋالغانلىرىنى تەييارلىسۇن؛ ئۇ باشقا كۈنلەردە ئېرىشىدىغىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ــ دېدى. ◼ 16:5 +bd «ئالتىنچى كۈن»+bd* ــ بۇ جۈمە كۈنىدۇر. شۇ كۈنى يەھۇدىيلار يىغقان «ماننا»دىن ئىككى كۈنلۈك تاماقنى تەييارلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەتىسى، يەنى يەتتىنچى كۈنى شابات كۈنى («دەم ئېلىش كۈنى») ئىدى.*

6ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بارلىق ئىسرائىللارغا: ــ بۈگۈن ئاخشام سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە

7ئەتە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى؛ بىزگە كەلسەك، سىلەر يامان گېپىمىزنى قىلىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىم ئىدۇق؟ ــ دېدى.

8مۇسا يەنە: پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىپ، ئەتە ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بەرگەندە بۇنى بىلىسىلەر*؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلدىغىنىڭلارنى ئاڭلىدى. ئەمدى بىز نېمە ئىدۇق؟ سىلەرنىڭ غوتۇلداشقىنىڭلار بىزلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارىتىلغاندۇر، ــ دېدى.

9ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ يامان گەپ بىلەن غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى.

10شۇنداق بولدىكى، ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا، ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىۋىدى، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى بۇلۇتتا ئايان بولدى. ◘ 16:10 مىس. 13‏:21*

11شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

12ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ يامان گەپ قىلىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمدى ئۇلارغا: «گۇگۇمدا سىلەر گۆش يەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە ناندىن تويۇنىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر» ــ دەپ ئېيتقىن، دېدى. ◼ 16:12 +bd «گۇگۇم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 6:12 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 16:12 يـۇھ. 6‏:58،49*

13كەچقۇرۇندا شۇنداق بولدىكى، بۆدۈنىلەر ئۇچۇپ كېلىپ، چېدىرگاھنى قاپلاپ كەتتى؛ ئەتىسى ئەتىگەندە، چېدىرگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى. ◘ 16:13 چۆل. 11‏:31؛ زەب. 105‏:40*

14ئەتراپتا ياتقان شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مانا، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە قىراۋدەك نېپىز، كىچىك-كىچىك يۇمىلاق نەرسىلەر تۇراتتى. ◘ 16:14 چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24؛ 105‏:40*

15ئىسرائىللار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن: ــ بۇ نېمىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.

16پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى ئەمر قىلىپ دېدىكى، «ھەربىرىڭلار يەيدىغىنىڭلارغا قاراپ ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا قاراپ، ھەربىر ئادەمگە بىر ئومەر مىقداردا يىغىڭلار؛ ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىڭلار» ــ دېدى. ◼ 16:16 +bd «بىر ئومەر»+bd* ــ «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىر قىسمى، يەنى ئىككى لىترچە ئىدى.*

17ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، بەزىسى كۆپرەك، بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى.

18ئۇلار ئۇنى ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىۋىدى، كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى؛ ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى. ◼ 16:18 +bd «ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى»+bd* ــ يەنە بىر تەرجىمىسى: «ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل ئىدى».

19مۇسا ئۇلارغا: ــ ھېچقانداق ئادەم بۇلاردىن ھېچنېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن، دېدى.

20شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ بەزىلەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويغىنى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى.

21شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگىنى چىقىپ ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى؛ قالغانلىرى بولسا ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى.

22لېكىن ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى يىغدى؛ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر مىقداردا يىغىۋالدى؛ ئاندىن جامائەت ئەمىرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى.

23مۇسا ئۇلارغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى: ــ ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولىدۇ؛ پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قايىنىتىپ، ئېشىپ قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئەتىگە ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى.

24ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئېشىپ قالغاننى ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇۋىدى، ئۇلار سېسىپ قالمىدى، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى.

25مۇسا ئۇلارغا: ــ بۇنى بۈگۈن يەڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن دالادىن تاپالمايسىلەر.

26ئالتە كۈن سىلەر يىغساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈنىدە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ، ــ دېدى.

27ھالبۇكى، يەتتىنچى كۈنى خەلقتىن بىرنەچچىسى ئوزۇق-تۈلۈك يىغقىلى چىقىۋىدى، ھېچنېمە تاپالمىدى.

28پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇشنى رەت قىلىسىلەر؟

29مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى.

30شۇنىڭ بىلەن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى.

31ئىسرائىللار بۇ ئوزۇقنى «ماننا» دەپ ئاتىدى؛ ئۇنىڭ شەكلى* يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدەك، رەڭگى ئاق بولۇپ، تەمى ھەسەلگە مىلەنگەن قوتۇرماچقا ئوخشايتتى. ◼ 16:31 +bd «ماننا»+bd* ــ «نېمە بۇ؟» دېگەن مەنىدە (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 16:31 چۆل. 11‏:7*

32مۇسا ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى، ــ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، مەن سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە ئاتا قىلغان ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كومزەككە بىر ئومەر توشقۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى.

33مۇسا ھارۇنغا: ــ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا كۆرسىتىشكە ساقلاش ئۈچۈن بىر كومزەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقداردا ماننا سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، ــ دېدى. ◘ 16:33 ئىبر. 9‏:4*

34كېيىن،* ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك كومزەكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى. ◼ 16:34 +bd «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بەرمەكچى بولغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولىدىغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ (20-بابنى كۆرۈڭ). خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇ ئەمرلەر «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىگە پۈتۈلگەن (20:40نى كۆرۈڭ). +bd «... ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى»+bd* ــ ئەھدە ساندۇقىنىڭ تەسۋىرىنى بىلىش ئۈچۈن 25-باب، 10-22-ئايەتلەرگە قارالسۇن. «ئىبر.» 4:9تىن قارىغاندا، «ماننا» كومزىكى كېيىنكى ۋاقىتتا ئەھدە ساندۇقى +bd ئىچىگە+bd*، مۇقەددەس قانۇن تاشلىرى ئالدىغا قويۇلغان.*

35شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى. ◘ 16:35 يە. 5‏:12؛ نەھ. 9‏:15*

>