مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 17:1-15 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى.

2شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: ــ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! ــ دېدى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ ــ دېدى. ◘ 17:2 چۆل. 20‏:3، 4*

3لېكىن خەلق چاڭقاپ، سۇ تەلەپ قىلىپ، مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ: ــ سەن نېمىشقا بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە مېلىمىزنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈشكە مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى.

5پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: ــ سەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ، نىل* دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇرغىنىڭدا ئىشلەتكەن ھاساڭنى قولۇڭغا ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىغا بارغىن؛ ◘ 17:5 مىس. 7‏:20*

6مانا، مەن شۇ يەردە، ھورەب تېغىدىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن؛ سەن قورام تاشنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن خەلققە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، ــ دېدى.

7مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جېدەللەشكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوقمۇ؟» دېيىشىپ پەرۋەردىگارنى سىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مەرىباھ» دەپ ئاتىدى. ◼ 17:7 +bd «ماسساھ»+bd* ــ «سىناش» دېگەن مەنىدە، «مەرىباھ» ــ «جېدەل-ماجرا» دېگەن مەنىدە.*

8شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. ◘ 17:8 قان. 25‏:18،17*

9مۇسا يەشۇئاغا: سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن. مەن ئەتە خۇدانىڭ ھاسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ دۆڭنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تۇرىمەن، دېدى. ◼ 17:9 +bd «سەن ئۆزىمىزدىن ئامالەك بىلەن جەڭ قىلىشقا ئادەم تاللىغىن»+bd* ــ ياكى «سەن ئۆزىمىزگە ئادەملەرنى تاللاپ، ئامالەك بىلەن سوقۇشقىلى چىققىن».*

10يەشۇئا مۇسا بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقتى.

11شۇنداق بولدىكى، مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئىسرائىل غالىب كېلەتتى، لېكىن ئۇ قوللىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ تۇرسا، ئامالەك غالىب كېلەتتى.

12مۇسانىڭ قوللىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىغا قويدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى؛ ئاندىن ھارۇن بىلەن خۇر بىرى بىر تەرىپىدە، بىرى يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى؛ بۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ قوللىرى تاكى كۈن پاتقۇچە مەزمۇت تۇردى.

13شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئامالەك ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلىچلاپ نابۇت قىلدى. ◼ 17:13 +bd «قىلىچلاپ،...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرۇپ،...».*

14پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بىر ئەسلىمە بولسۇن دەپ بۇ ئىشلارنى بىر كىتابقا يېزىپ قالدۇرغىن، شۇنداقلا شۇلارنى يەشۇئانىڭ قۇلاقلىرىغا ئوقۇپ بەر؛ چۈنكى مەن ئامالەكنىڭ نامىنى ئاسمانلارنىڭ ئاستىدىن، ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ مۇتلەق ئۆچۈرۈۋېتىمەن، دېدى. ◘ 17:14 چۆل. 24‏:20؛ قان. 25‏:17 ،18 ،19؛ 1سام. 15‏:2، 3*

15ئاندىن مۇسا بىر قۇربانگاھنى ياساپ، نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى ◼ 17:15 +bd «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياھۋەھ-نىسسى».*

>