مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 19:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، دەل ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى. ◼ 19:1 +bd «ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بويىچە «ئۈچىنچى ئاي» يىلنىڭ (كالېندارنىڭ) ئۈچىنچى ئېيىنى كۆرسىتىدۇ.*

2ئۇلار رەفىدىمدىن چىقىپ، سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى؛ ئىسرائىل شۇ يەردە، تاغنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ چېدىر تىكتى.

3مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار تاغدىن ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ياقۇپنىڭ جەمەتىگە سۆز قىلىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ــ ◘ 19:3 روس. 7‏:38*

4«مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. ◼ 19:4 +bd «خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك،...»+bd* ــ بەزىدە ئانا بۈركۈت بالىلىرىغا ئۇچۇشنى ئۆگەتكەندە ئۇلارنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئۇچىدۇ.* ◘ 19:4 قان. 29‏:1؛ 32‏:11*

5ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر ــ چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ ◘ 19:5 قان. 7‏:6؛ 10‏:15،14؛ 14‏:2؛ 26‏:18؛ زەب. 135‏:4؛ يەش. 41‏:8؛ تىت. 2‏:14*

6ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى. ◼ 19:6 +bd «سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ... بولىسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر ماڭا پادىشاھلار ۋە كاھىنلار ...بولىسىلەر».* ◘ 19:6 1پېت. 2‏:9*

7شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

8خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇسا خەلقنىڭ جاۋاب سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكۈزدى. ◘ 19:8 مىس. 24‏:3*

9پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا خەلق ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ھەمىشە ساڭا ئىشەنسۇن دەپ، يېنىڭغا قارا بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە كېلىمەن، دەپ ئېيتتى. مۇسامۇ خەلقنىڭ دېگەنلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاڭلاتتى.

10پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدۇرغىن.

11ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى بارلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ.

12سەن خەلق ئۈچۈن تاغنىڭ* ئەتراپىغا بىر پاسىل قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، تاغقا چىقماڭلار ياكى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ؛ ◼ 19:12 +bd «خەلق ئۈچۈن تاغنىڭ ئەتراپىغا»+bd* ــ ياكى «خەلق ئەتراپىغا».* ◘ 19:12 ئىبر. 12‏:18*

13ئۇنىڭغا ھەتتا بىرەر قولى تېگىپ كەتسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، شۇنداق قىلسا، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن» ــ دەپ ئېيتقىن. لېكىن كاناي ئۇزۇن چېلىنسا، ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىگە چىقسۇن، دېدى. ◼ 19:13 +bd «ئۇنىڭغا ... تېگىپ كەتسىمۇ»+bd* ــ دېمەك تاغقا تېگىش. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭغا (تاغقا تەگكەن كىشىگە) ئادەمنىڭ قولى تەگمىسۇن...». +bd «چالما-كېسەك قىلىنسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن»+bd* ــ دېمەك، تاغقا تەگكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ بىراق خىلاپلىق قىلغان ئۇنداق بىر كىشىنى تاغ ئېتىكىدە (قەتئىي چەكلەنگەن جايغا كىرگەنلىكى سەۋەبلىك) ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا تەگسە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن بارسا بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ياكى ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈش كېرەك ئىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «(خۇدا تەرىپىدىن) ئۆلتۈرۈلىدۇ».*

14مۇسا تاغدىن چۈشۈپ خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلقنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلدى؛ ئۇلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدى.

15ئاندىن مۇسا خەلققە: ــ ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرۇڭلار؛ ھېچكىم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، دېدى. ◘ 19:15 1سام. 21‏:4؛ 1كور. 7‏:5*

16ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى. ◼ 19:16 +bd «گۈلدۈرمامىلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاۋازلار». +bd «كاناينىڭ ئاۋازى»+bd* ــ ياكى «بۇرغا ئاۋازى».* ◘ 19:16 ئىبر. 12‏:18*

17مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى. ◘ 19:17 قان. 4‏:11،10*

18پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. ◘ 19:18 ھاك. 5‏:4؛ زەب. 68‏:8؛ 77‏:18؛ 114‏:4؛ 144‏:5؛ ھاب. 3‏:10*

19كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىنتايىن قاتتىق چىقتى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى. ◼ 19:19 +bd «مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مۇسا سۆز قىلىۋاتاتتى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بېرىۋاتاتتى».*

20پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىغا، تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشتى؛ ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىرىۋىدى، مۇسا تاغقا چىقتى.

21پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن چۈشۈپ خالايىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئۇلار «پەرۋەردىگارنى كۆرىمىز» دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلاردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئېيتقىن.

22پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار سېپىلنى* بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.

23مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ خالايىقنىڭ سىناي تېغىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ: تاغنى «مۇقەددەس» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا پاسىللارنى بېكىتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدىڭ، ــ دېدى.

24پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ماڭ، سەن چۈشۈپ كەتكىن. ئاندىن سەن ھارۇننى ئېلىپ، بىللە چىققىن؛ لېكىن كاھىنلار ۋە خەلق بولسا پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بارايلى دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار سېپىلنى* بۆسكەندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ــ دېدى.

>