1لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ◘ 2:1 مىس. 6:20؛ چۆل. 26:59*
2بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. ◘ 2:2 1تار. 23:13؛ روس. 7:20؛ ئىبر. 11:23*
3ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. ◼ 2:3 +bd «سېۋەت»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساندۇق» ــ بۇ سۆز «يار.» 14:6دە نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان «كېمە»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. +bd «دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى»+bd* ــ مىسىرلىقلار نىل دەرياسىنى ئىلاھ دەپ قارىغاچقا، مىسىرلىق ئاياللارنىڭ نىل دەرياسىدا دائىم يۇيۇنۇش ئادىتى بار ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق قىلىشى مىسىرلىق بىر ئايالنىڭ ئۇنى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ بېقىۋالسۇن، دېگەننى مەقسەت قىلغانىدى.*
4ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى.
5ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. ◼ 2:5 +bd «سېۋەتنى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساندۇقنى». 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:5 روس. 7:21؛ ئىبر. 11:23*
6ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى.
7ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى.
9پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى.
10بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى. ◼ 2:10 +bd «مۇسا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مۇسا» دېگەن سۆز «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداشتۇر؛ قەدىمكى مىسىر تىلىدا «سۇنىڭ بالىسى» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا مۇسانىڭ شەرەپلىك بۇرچى ئىسرائىلنى «سۇ (يەنى، قىزىل دېڭىز)دىن ياكى سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ◘ 2:11 روس. 7:23؛ ئىبر. 11:25،24*
12ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى.
13ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى.
14ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى.
15پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ◘ 2:15 روس. 7:29*
16مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى.
17ئۇ ۋاقىتتا يەرلىك* پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى.
18ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
19ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى.
20ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى.
21مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.
22ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. ◼ 2:22 +bd «گەرشوم»+bd* ــ مۇشۇ ئىسىم «ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. مۇسانىڭ تۇنجى بالىسىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشى بەلكىم خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرماقچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ شۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 2:22 مىس. 18:2، 3*
23نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى.
24خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. ◘ 2:24 يار. 15:14*