مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20:1-25 UIGB2010 - Bible AI

1خۇدا مۇنۇ بارلىق سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

2مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن. ◘ 20:2 مىس. 13‏:3؛ قان. 5‏:6؛ زەب. 81‏:10*

3سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ.

4سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما. ◼ 20:4 +bd «سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما»+bd* ــ 5-ئايەتتىن ئېنىق كۆرۈنىدىكى، 4-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... شەكلىدە.. ياسىما» دېگەن بۇ ئەمرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئادەملەر چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسىغان ھەرقانداق شەكىللەردۇر. دېمەك، بۇ يازمىلاردا سەنئەتنىڭ ئۆزى ياكى بەدىئىي ئىجادىيەت، مەسىلەن رەسساملىق ياكى ھەيكەلتىراشلىق مەنئى قىلىنغان ئەمەس. مەسىلەن، «مۇقەددەس چېدىر» ۋە كېيىنكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»دا بىرنەچچە سۈرەتلەر (خېرۇبلار، گۈللەر، خورما دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى) كۆرۈنىدۇ. بۇلار بۇتلار ئەمەس، پەقەت بېزەش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن.* ◘ 20:4 لاۋ. 26‏:1؛ زەب. 97‏:7*

5سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، ◼ 20:5 +bd «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرى»+bd* ــ بۇ ئىبارە توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «قانۇن شەرھى»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

6ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. ◼ 20:6 +bd «ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭلىغان ئەۋلادىغىچە»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغان مىڭلىغانلىرىغا...». بىراق «قان.» 9:7 تەرجىمىمىزگە ماس كېلىدۇ. +bd «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «خەسەد» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر بولۇپ، كۆپ يەرلەردە «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت» ياكى «ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. كۆپ يەرلەردە بىر خىل ئەھدە بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ شۇڭا سۆزنىڭ ئۇزۇنراق بىرخىل تەرجىمىسى: «مېھىر-مۇھەببەت تۈپەيلىدىن ئەھدىدە دائىم تۇرىدىغانلىقى» دېگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ سۆز «يار.» 23:21، 12:24، 10:32، «مىس.» 13:15، 6:34، 7لەردە ئىشلىتىلگەن.*

7پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. ◘ 20:7 لاۋ. 9‏:12؛ مات. 5‏:33*

8شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. ◘ 20:8 ئ‍ەز. 20‏:12*

9ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ ◘ 20:9 مىس. 23‏:12؛ 34‏:21؛ لۇقا 13‏:14*

10لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ◼ 20:10 +bd «يەتتىنچى كۈنى.....شابات كۈنىدۇر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شابات» ۋە «يەتتىنچى» دېگەنلەر ئاھاڭداش سۆز. +bd «سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

11چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى. ◘ 20:11 يار. 2‏:2؛ ئىبر. 4*

12ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. ◘ 20:12 مات. 15‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:2*

13قاتىللىق قىلما. ◘ 20:13 مات. 5‏:21*

14زىنا قىلما. ◘ 20:14 مات. 5‏:27*

15ئوغرىلىق قىلما.

16قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. ◼ 20:16 +bd «قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە»+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە «قوشناڭ» خۇدا بىزنىڭ يېنىمىزغا يېقىن قىلغان ھەربىر ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

17سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما. ◼ 20:17 +bd «قوشناڭ»+bd* ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 20:17 رىم. 7‏:7*

18پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى

19ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى. ◘ 20:19 قان. 5‏:25؛ ئىبر. 12‏:19*

20مۇسا خالايىققا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. ◼ 20:20 +bd «سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىن بولغان قورقۇنچ سېنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇپ، بۇ گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر».*

21شۇنىڭ بىلەن خالايىق نېرىدا تۇردى؛ لېكىن مۇسا خۇدا ئىچىدە تۇرغان قويۇق بۇلۇتنىڭ قېشىغا يېقىن باردى. ◘ 20:21 مىس. 19‏:17؛ ئىبر. 12‏:18*

22پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار.

23سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئىلاھ دەپ كۈمۈشتىن بۇتلار ياسىماڭلار، ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇتلارنى ياسىماڭلار.

24ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى ھۆرمەت بىلەن* ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. ◘ 20:24 مىس. 27‏:1؛ 38‏:1*

25ــ ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشلاردىن قۇربانگاھ ياسىماقچى بولساڭ، يونۇلغان تاشلاردىن ياسىمىغىن؛ چۈنكى تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ. ◼ 20:25 +bd «تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ»+bd* ــ 4-ئايەتتىكى ئەمر بويىچە، خۇدانى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق سۈرەت ياكى شەكىل بولمايدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئەمر قۇربانگاھ تاشلىرىنىڭ ئۈستىدە ھېچقانداق شەكىل-سۈرەتلەرنىڭ بولماسلىقى («ناپاك» بولمىسۇن دەپ)، بۇتپەرەسلىك گۇناھىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن.

>