مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 21:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ

2ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. ◘ 21:2 قان. 15‏:12؛ يەر. 34‏:14*

3ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن.

4ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن.

5لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، ◘ 21:5 قان. 15‏:16*

6ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ* ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. ◼ 21:6 +bd «خۇدانىڭ ئىبادەت سورۇنىنىڭ ئالدىغا»+bd* ــ ياكى «خۇدانىڭ ئالدىغا» ياكى «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا». ئىبرانىي تىلىدا ««ئەلوھىمنىڭ ئالدىغا». زەبۇر 1:82، 6نى كۆرۈڭ. +bd «ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن»+bd* ــ دېمەك، قۇلنىڭ قۇلىقىنى ئىشىك قانىتىغا ياكى ئىشىك كېشىكىگە يېقىپ تۇرۇپ، قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى ئىشىككە ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىگە مىخلايدۇ.*

7ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن.

8ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. ◼ 21:8 +bd «خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر»+bd* ــ ئادەتتە ئەر كىشى دېدەك سېتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئۆز كېنىزىكى ياكى توقىلى قىلىپ ئەمرىگە ئالغان ھېسابلىناتتى. شۇڭا دېدەكنىڭ كەم دېگەندىمۇ توقاللىق ھوقۇقى بار ئىدى.*

9ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن.

10ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن.

11ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن.

12كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ◘ 21:12 لاۋ. 24‏:17*

13لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى ئۆلگۈچىنىڭ* جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن.

14لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە پاناھ ئىزدەپ* قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.

15كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. ◘ 21:15 مات. 15‏:4*

16كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.

17كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. ◘ 21:17 لاۋ. 20‏:9؛ پەند. 20‏:20؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10*

18ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا،

19ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن.

20ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى* چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. ◼ 21:20 +bd «ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ».*

21لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن.

22ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. ◼ 21:22 +bd «بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا»+bd* ــ ياكى «بالىسى چۈشۈپ كېتىشتىن باشقا». ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ يەردە پەقەت «بالدۇر تۇغۇلسا» دېگەن تەرجىمىسى توغرا بولسا كېرەك.*

23ئەگەر ئايال ياكى بالا* زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، ◼ 21:23 +bd «ئەگەر ئايال ياكى بالا زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا،...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئەگەر زەرەر-زەخمەت بولۇپ چىقسا،...» دېيىلىدۇ.*

24كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، ◘ 21:24 لاۋ. 24‏:20؛ قان. 19‏:21؛ مات. 5‏:38*

25كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن.

26ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن.

27شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن».

28ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. ◘ 21:28 يار. 9‏:5*

29لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.

30لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن.

31كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن.

32كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن.

33ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، ◼ 21:33 +bd «بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى»+bd* ــ ياكى «بىر قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى».*

34ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ.

35ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن.

>