مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 22:1-30 UIGB2010 - Bible AI

1ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن. ◼ 22:1 +bd «... ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن»+bd* ــ نېمىشقا كالىنى بەش ھەسسە، قوينى تۆت ھەسسىلەپ تولۇقلاش كېرەك؟ كالا-قوي ھەر ئىككىسى گۆش، يۇڭ-تېرە ۋە سۈت بېرەلەيدۇ، كالا يەنە ئەمگەك قىلالايدۇ؛ شۇڭا كالىنىڭ كەملىكى كۆپرەك زىياننى كەلتۈرىدۇ.* ◘ 22:1 2سام. 12‏:6*

2ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن.

3لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن.

4ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. ◼ 22:4 +bd «ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، ... ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن»+bd* ــ نېمىشقا بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن جازا 1-ئايەتتىكى جازىغا ئوخشىمايدۇ؟ بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە: (ئا) ئوغرىلانغان مال تېخى ئوغرىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئىگىسىنىڭ زىيىنى 1-ئايەتتىكىدىن ئاز بولۇشى مۇمكىن؛ (ئە) بۇ ئوغرى تېخى 1-ئايەتتىكى ئوغرىدەك يامانلىقنى ئۆگەنگەن ئەمەس؛ (پ) 4-ئايەتتىكى ئوغرىنىڭ كالا-قوينى ئوغرىلاش گۇناھىنى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ئۈچ پىكرىگە قايىلمىز.*

5ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.

6ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. ◼ 22:6 +bd «تىكەنلىك»+bd* ــ ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىتلار ياكى قاشالار ئادەتتە تىكەنلەردىن قىلىنىدۇ.*

7ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن.

8لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. ◼ 22:8 +bd «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ئەلوھىم (ئىلاھلار)نىڭ ئالدىغا». زەبۇر 1:82، 6نى كۆرۈڭ.*

9ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. ◼ 22:9 +bd «ھاكىملارنىڭ ئالدىغا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم («ئىلاھلار»)نىڭ ئالدىغا». زەبۇر 1:82، 6نى كۆرۈڭ. +bd «ھاكىملار قايسىغا...»+bd* ــ ياكى «خۇدا قايسىغا...».*

10ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، ◼ 22:10 +bd «ھەيدەپ ئەكىتىلسە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «بۇلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ يەردە بەلكىم تاسادىپىي بىر ئىشنى، مەسىلەن چۆچۈپ كېتىپ، چېچىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ ئوغرىلىنىش مەسىلىسى 12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ.*

11ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. ◼ 22:11 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن»+bd* ــ بۇ قەسەمنى بەلكىم، ئىگىسى: «مەن ھەقىقەتەن شۇ نەرسىنى پالانچى كىشىگە تاپشۇرۇپ ئامانەت قىلدىم» دېگەندەك، ئامانەتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشى: «مەن شۇ ئامانەتنى ھەقىقەتەن يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنى ئوغرىلىمىدىم، باشقىلارغا ساتمىدىم» دېگەندەك قىلىشى مۇمكىن.*

12لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن.

13ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

14ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن.

15لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن.

16ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن.

17لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن.

18جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن. ◘ 22:18 قان. 18‏:11،10*

19ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. ◘ 22:19 لاۋ. 18‏:23؛ 20‏:15*

20كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن. ◼ 22:20 +bd «مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ھارام» قىلىنسۇن»؛ «ھارام» ــ «مۇتلەق ھالاك قىلىنىش كېرەك» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 22:20 قان. 17‏:2، 3، 4، 5*

21سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار. ◘ 22:21 لاۋ. 19‏:34*

22ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. ◘ 22:22 زەك. 7‏:10*

23سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛

24شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ.

25ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار. ◘ 22:25 لاۋ. 25‏:37،36؛ قان. 23‏:19،18؛ زەب. 15‏:5؛ پەند. 28‏:8؛ ئ‍ەز. 18‏:8*

26ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. ◘ 22:26 قان. 24‏:13،12*

27چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن.

28ھاكىملارغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما. ◼ 22:28 +bd «ھاكىملارغا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم»(غا). بۇ سۆز بەزىدە خۇدانىڭ ۋەكىللىرى بولغان «ھاكىملار»نى بىلدۈرىدۇ («زەب.» 82-كۈي ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ). شۇڭا بەزى تەرجىمىلەردە «خۇداغا» دېيىلىدۇ.* ◘ 22:28 مىس. 21‏:6، 8؛ روس. 23‏:3، 4، 5*

29خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن.

30كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن. ◘ 22:30 مىس. 23‏:19؛ لاۋ. 22‏:27؛ ئ‍ەز. 44‏:30*

>