مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 25:1-39 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

2سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار. ◼ 25:2 +bd «كۆتۈرمە ھەدىيە»+bd* ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئالاھىدە ھەدىيە. مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» كۆپلىگەن خەلق ئېلىپ كېلىدىغان، چوڭ كۆلەملىك ھەدىيە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نىڭ ھەربىر قىسمىنى سۇنغۇچى كىشى ئۆزى خۇدا ئالدىدا ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاتايدۇ (22:35، 24).* ◘ 25:2 مىس. 35‏:5؛ 1تار. 29‏:14،9،5،3؛ ئەزرا 2‏:68؛ 3‏:5؛ نەھ. 11‏:2*

3سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس،

4كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت،

5قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، ◼ 25:5 +bd «دېلفىننىڭ تېرىلىرى»+bd* ــ ياكى «دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىلىرى» ياكى «بورسۇقنىڭ تېرىلىرى».*

6چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر،

7ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن. ◼ 25:7 +bd «ئەفود» ۋە «قوشېن»+bd* ــ بۇلار توغرۇلۇق 6-14-ئايەتلەرگە قارالسۇن. ئۇ جىلىتكىدەك بىرخىل ئالاھىدە كىيىم بولۇپ، ئىچىدە خۇدانىڭ كېرەك بولغان ئىشلار توغرۇلۇق يولىنى ياكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» دېگەن ئالاھىدە ئىككى تاش ساقلاقلىق ئىدى.* ◘ 25:7 مىس. 28‏:4-14*

8مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن شۇلاردىن* ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن.

9ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار.

10ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. ◼ 25:10 +bd «ئاكاتسىيە ياغىچى»+bd* ــ ئىنتايىن قاتتىق، ئۇزۇنغىچە چىرىمايدىغان بىرخىل ياغاچتۇر. +bd «گەز»+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ــ ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقىغا (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) باراۋەر كېلىدۇ.* ◘ 25:10 مىس. 37‏:1؛ ئىبر. 9‏:1*

11سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار.

12ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. ◼ 25:12 +bd «تۆت چېتىقىغا»+bd* ــ ياكى «تۆت پۇتىغا».*

13سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛

14ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن.

15بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن. ◘ 25:15 1پاد. 8‏:8*

16مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن. ◼ 25:16 +bd «ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»+bd* ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرىدىغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلىدىغان ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ). نېمىشقا «گۇۋاھلىق» دېيىلىدۇ؟ چۈنكى «ئون پەرز» خۇدانىڭ ھەققانىي تەبىئىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.* ◘ 25:16 ئىبر. 9‏:4*

17ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە* سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كەفارەت تەختى» ياسىغىن. ◼ 25:17 +bd «كەفارەت»+bd* ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») دېگەننىڭ تۈپ مەنىسى «يېپىش»تىن ئىبارەت. گۇناھلارغا «كەفارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق «ياپاتتى» ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ).

18ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كەفارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. ◼ 25:18 +bd «كېرۇبلار»+bd* ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.* ◘ 25:18 ئىبر. 9‏:5*

19بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. ◼ 25:19 +bd «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كەفارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار»+bd* ــ ياكى «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلار بىلەن كەفارەت تەختى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسالسۇن».*

20كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كەفارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كەفارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. ◘ 25:20 ئىبر. 9‏:5*

21سەن كەفارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. ◘ 25:21 ئىبر. 9‏:4، 5*

22مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كەفارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. ◘ 25:22 چۆل. 7‏:89*

23ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن.

24ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار.

25سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. ◼ 25:25 +bd «ئېگىزلىكتە»+bd* ــ ياكى «كەڭلىكتە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. +bd «لەۋ» ۋە «لەۋنىڭ چۆرىسىگە چىقىرىلغان گىرۋەك»+bd* ــ بۇلارنىڭ رولى بەلكىم شىرەنىڭ ئۈستىدىكى نانلارنى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاشتۇر.*

26سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن.

27شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن.

28بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ.

29شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن.

30مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن. ◼ 25:30 +bd «تەقدىم نانلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھۇزۇرى نانلار» («خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نانلار»). ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلاتتى. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل كاھىنلىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلدۈرۈش ئىدى («لاۋ.» 5:24-6).*

31سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. ◼ 25:31 +bd «چىراغداننىڭ... قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى»+bd* ــ بۇلار چىراغدانغا چىقىرىلغان شۇ خىل نۇسخىلارنى كۆرسىتىدۇ. 32-40-ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.* ◘ 25:31 مىس. 37‏:17*

32چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛

33بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن.

34چىراغداننىڭ غولىدىن* بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. ◼ 25:34 +bd «غولىدىن»+bd* ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.*

35بۇلاردىن باشقا بىرىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئىككىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئۈچىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن.

36ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن.

37سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن.

38ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.

39چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. ◼ 25:39 +bd «بىر تالانت ئالتۇن»+bd* ــ بەلكىم 27 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن.*

>