مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 28:1-42 UIGB2010 - Bible AI

1سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. ◘ 28:1 ئىبر. 5‏:4*

2ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن.

3ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن.

4ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن. ◼ 28:4 +bd «ئەفود» ۋە «قوشېن»+bd* ــ بۇلار ۋە قاتارلىقلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىلارنى كۆرۈڭ. «ئەفود» جىلىتكىگە ئوخشايدىغان بىرخىل كىيىم، «قوشېن» كاھىننىڭ مەيدىسىگە تاقىلىدىغان مەيدە يانچۇق بولۇپ، ئۈستىگە ئون ئىككى قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئون ئىككى قىممەتلىك تاش بېكىتىلگەن.

5ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛

6ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ* ئىشلەتسۇن. ◘ 28:6 مىس. 39‏:2*

7ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. ◼ 28:7 +bd «... ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن»+bd* ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.*

8ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن. ◼ 28:8 +bd «ئەفودنىڭ بەلۋېغى»+bd* ــ 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلۋاغ ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ.*

9ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛

10ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن.

11خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن.

12ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.

13‏-14 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى كۆزلۈك ۋە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىپ ئېتىلگەن ئىككى زەنجىر ياساتقىن؛ ئاندىن ئېشىلمە زەنجىرلەر كۆزلۈكلەرگە بېكىتىلسۇن. ◼ 28:13‏-14 +bd «يەنە ئىككى كۆزلۈك»+bd* ــ مۇشۇ ئىككى كۆزلۈك ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىسىگە بېكىتىلگەن، 9-12-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئاق ھېقىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزلۈكلەردۇر.*

15«ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن. ◼ 28:15 +bd «ھۆكۈم قوشېنى»+bd* ــ ئىچىدىكى «ئۇرىم ۋە تۇممىم» دېگەن تاشلار ئارقىلىق خۇدانىڭ مەلۇم ئىش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى ياكى ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (30-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 28:15 مىس. 39‏:8*

16ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن. ◼ 28:16 +bd «ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن»+bd* ــ دېمەك، يانچۇق شەكلىدە.*

17ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛

18ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛

19ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛

20تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن.

21بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن.

22قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن ئىككى* ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن.

23قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ◼ 28:23 +bd «قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىگە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا».*

24ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى* ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ،

25ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، كۆزلۈكلەرنى* ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن.

26بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى* ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. ◼ 28:26 +bd «قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا».*

27مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن يەنە* ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن.

28قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن.

29شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. ◼ 28:29 +bd «قوشېن»+bd* ــ قوشېن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.*

30ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. ◼ 28:30 +bd «ئۇرىم ۋە تۇممىم»+bd* ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. ھەمدە ئۇلاردىن ھەرخىل جاۋاب چىقاتتى؛ مەسىلەن، «شۇنداق»، «ياق» دېگەندەك. بەزى ئەھۋاللاردا ھېچقانداق جاۋاب بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن (مەسىلەن، «ھاك.» 23:20، «1سام.» 37:14، 2:23-4، 6:28، «2سام.» 1:2 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). «ئۇرىم»نىڭ مەنىسى «نۇرلار»، «تۇممىم»نىڭ مەنىسى «مۇكەممەللىك» ياكى «مۇكەممەل ئىشلار» دېگەنلىك؛ لېكىن ئۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرى ھازىر بىزگە نامەلۇم.*

31ئەفودنىڭ ئىچىدىكى* توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن. ◼ 28:31 +bd «ئەفودنىڭ ئىچىدىكى تون»+bd* ــ تون ئەفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدۇ (مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ).* ◘ 28:31 مىس. 39‏:22*

32توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن. ◼ 28:32 +bd «ساۋۇت»+bd* ــ جەڭچىنىڭ ئالاھىدە كىيىمى.*

33‏-34 ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئاسقىن ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويغىن؛ توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتكۈل چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار... بېكىتىلسۇن. ◼ 28:33‏-34 +bd «ئانارلار»+bd* ــ مۇشۇ «ئانارلار» مارجاندەك چوڭلۇقتا توقۇلغان بولۇشى كېرەك.*

35ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. ◼ 28:35 +bd «ھارۇن ... پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا +bdit قوڭغۇراقلارنىڭ+bdit* ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ»+bd* ــ قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازلىرى خۇداغا باش كاھىننىڭ ئىسرائىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.*

36ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛ ◼ 28:36 +bd «ئوتۇغات»+bd* ــ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان كىچىك تاختا ياكى مەنسەپ بەلگىسىدىن ئىبارەت.* ◘ 28:36 مىس. 39‏:30*

37ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛

38ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن. ◼ 28:38 +bd «ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلار»+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى: (1) ئىسرائىللارنىڭ مۇشۇ ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتىن مەقسىتى (خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسەن) گۇناھىنى يېپىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا ھەدىيەلەر گۇناھ بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر؛ (2) ئىسرائىللار ھەدىيە-قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرگىنىدە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدا دىققەتسىزلىكتىن ھەدىيەلەر گۇناھقا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ھەدىيە كەلتۈرگۈچىنىڭ نىيەتلىرىگە مەلۇم يامان غەرەز چېتىلىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى چۈشەنچىگە مايىل.*

39بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن. ◼ 28:39 +bd «كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن»+bd* ــ ياكى «كاناپ رەختتىن ئالىچىپار بىر خالتا كۆڭلەك تىككىن». +bd «كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن»+bd* ــ بۇ بەلۋاغ ئەفودنىڭكى ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ.* باش كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى|src="highpriest-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 39:28" *

40ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن.

41بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن. ◼ 28:41 +bd «مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش» ئىبرانىي تىلىدا «قولغا تۇتقۇزۇش» ياكى «قولغا بېرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كاھىنلىق ۋەزىپىسى ئاساسەن خۇدانىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش بىلەن باشلىناتتى؛ شۇڭا ئۇلار قولىغا ھېچقانداق باشقا ئىشلارنى ئېلىشىغا بولمايتتى.*

42ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن.

>