مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 30:1-37 UIGB2010 - Bible AI

1سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن. ◼ 30:1 +bd «خۇشبۇيگاھ»+bd* ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.* ◘ 30:1 مىس. 37‏:25*

2ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى* مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن.

3سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن.

4ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن. ◼ 30:4 +bd «ئىككى يېنىغا»+bd* ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.*

5بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن.

6خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كەفارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن.

7ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن. ◘ 30:7 1سام. 3‏:3*

8شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ. ◼ 30:8 +bd «گۇگۇمدا»+bd* ــ 7:12دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. +bd «چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا»+bd* ــ چىراغلار دائىم يېنىق تۇرىدۇ، ئاساسەن ئۆچۈرۈلمەيدۇ (20:27، «لاۋ.» 2:24نى كۆرۈڭ). مۇشۇ سۆز بەلكىم چىراغداننىڭ ئۈستىدىكى يەتتە قەدەھنى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈپ، زەيتۇن مېيىنى قۇيۇپ ئاندىن قايتىدىن ياندۇرۇشنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.*

9سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەسىنى تۆكمەڭلار.

10ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم خۇشبۇيگاھنىڭ* مۈڭگۈزلىرىگە كەفارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كەفارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ خۇشبۇيگاھ* پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

12سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كەفارەت پۇلى تاپشۇرسۇن. ◼ 30:12 +bd «ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كەفارەت پۇلى تاپشۇرسۇن»+bd* ــ نېمىشقا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋەجىدىن كەفارەت كەلتۈرۈشى كېرەك؟ خەلقنىڭ سانىنى ئېنىقلاشتىن ئىككى خىل گۇناھ پەيدا بولۇشى مۇمكىن: (1) ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ (2) قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار خۇداغا تايانماي، بەلكى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئىسرائىللاردىن بۇ پۇلنى ئېلىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى؛ دەرۋەقە بۇ پۇل مۇقەددەس چېدىردا ئۇلارغا كەفارەت كەلتۈرۈشكە كاھىنلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتتە ئىشلىتىلەتتى (16-ئايەت).

13رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. ◼ 30:13 +bd «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە»+bd* ــ «شەكەل» كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ، مۇقەددەس جايدا ساقلانغان مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.* ◘ 30:13 لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12*

14رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن.

15ئۆز جېنىڭلارغا كەفارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن.

16سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كەفارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كەفارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ. ◘ 30:16 مىس. 38‏:25*

17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

18سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن يوغان* بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن.

19ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن.

20ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن.

21ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى|src="tabobjects-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 21:30" *

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

23سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ◼ 30:23 +bd «500 شەكەل»+bd* ــ تەخمىنەن 6 كىلوگرام.*

24قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛ ◼ 30:24 +bd «بىر ھىن»+bd* ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر.*

25بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ.

26سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى،

27شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى،

28كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛

29سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ. ◼ 30:29 +bd «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» ۋە «مۇقەددەس»+bd* ــ مۇقەددەس چېدىردىكى بارلىق جابدۇقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. «ئەڭ مۇقەددەس» بولغانلارغا تەگكەنلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە «خۇدانىڭكى» دەپ ھېسابلىناتتى (29:30، «لاۋ.» 18:6، 27، «ئەز.» 20:46نىمۇ كۆرۈڭ).*

30ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن.

31ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ.

32ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. ◼ 30:32 +bd «ئادەمنىڭ بەدىنىگە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمنىڭ ئەتلىرىگە». +bd «+bdit مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى+bdit* ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇنى «كاھىنلاردىن باشقىلارغا قۇيسا بولمايدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن «زەبۇر» 2:132گە قارىغاندا، مەسىھلەش مېيى كاھىنلارنى مەسىھلەپ قۇيۇلغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە تەگمەي، بەلكى باش كىيىمىدىن ئېقىپ ساقالدىن ئۆتۈپ كىيىم-كېچەكلىرىگە چۈشەتتى.*

33كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ◼ 30:33 +bd «كىمكى... يات بىرسىگە سۈرسە،...»+bd* ــ دېمەك، كاھىنلاردىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە. +bd «ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»+bd* ــ 12:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ

35خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ.

36سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ* ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن.

37سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ.

>