مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 37:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. ◘ 37:1 مىس. 25‏:10*

2ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى.

3ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى. ◼ 37:3 +bd «تۆت چېتىقىغا»+bd* ــ ياكى «تۆت پۇتىغا».*

4ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛

5ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.

6ئۇ ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە* ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كەفارەت تەختى» ياسىدى.

7ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كەفارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛

8بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كەفارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى. ◼ 37:8 +bd «ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كەفارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى»+bd* ــ ياكى «ئۇ كېرۇبلار بىلەن كەفارەت تەختىنى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسىدى».* ◘ 37:8 مىس. 25‏:19*

9كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كەفارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كەفارەت تەختىگە قارىتىلدى. ◘ 37:9 مىس. 25‏:20*

10ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. ◘ 37:10 مىس. 25‏:23*

11ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. ◘ 37:11 مىس. 25‏:24*

12ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى. ◘ 37:12 مىس. 25‏:25*

13ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى. ◘ 37:13 مىس. 25‏:26*

14شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى. ◘ 37:14 مىس. 25‏:27*

15شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى.

16ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، شاراب ھەدىيەلىرىنى* قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. ◘ 37:16 مىس. 25‏:29*

17ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. ◘ 37:17 مىس. 25‏:31*

18چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛ ◘ 37:18 مىس. 25‏:32*

19بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. ◘ 37:19 مىس. 25‏:33*

20چىراغداننىڭ غولىدىن* بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى. ◼ 37:20 +bd «غولىدىن»+bd* ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 37:20 مىس. 25‏:34*

21بۇلاردىن باشقا بىرىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئىككىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئۈچىنچى* ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى.

22ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. ◘ 37:22 مىس. 25‏:36*

23ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. ◘ 37:23 مىس. 25‏:38،37*

24ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. ◼ 37:24 +bd «بىر تالانت ئالتۇن»+bd* ــ بەلكىم 27 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 37:24 مىس. 25‏:39*

25ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ تۆت بۇرجىكىدىكى* مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى. ◘ 37:25 مىس. 30‏:1، 2*

26ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. ◘ 37:26 مىس. 30‏:3*

27ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى. ◼ 37:27 +bd «ئىككى يېنىغا...»+bd* ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە...».* ◘ 37:27 مىس. 30‏:4*

28ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ◘ 37:28 مىس. 30‏:5*

>