1ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. ◘ 38:1 مىس. 27:1*
2ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىدى؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىدى. ◘ 38:2 مىس. 27:2*
3ئۇ قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ــ ئۇنىڭغا خاس بولغان داسلارنى، گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىدى؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مىستىن ياسىدى. ◘ 38:3 مىس. 27:3*
4قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىدى؛ شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلدى؛ شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ◘ 38:4 مىس. 27:4، 5*
5ئۇ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مىس ھالقىنى قۇيۇپ ياسىدى.
6ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىدى.
7ئاندىن ئۇ قۇربانگاھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالداقلارنى قۇربانگاھنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇ قۇربانگاھنى تاختايلاردىن، ئىچىنى بوش قىلىپ ياسىدى. ◘ 38:7 مىس. 27:8* ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى|src="tabobjects-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 7:38" *
8ئۇ يەنە يۇيۇنۇش دېسىنى مىستىن، ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مىستىن ياسىدى؛ ئۇ بۇلارنى «كۆرۈشۈش چېدىرى»نىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن ياسىدى. ◘ 38:8 مىس. 30:18* ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="taboverview-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 8:38" *
9ئاندىن ئۇ چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىدى. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. ◘ 38:9 مىس. 27:9*
10پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى.
11شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى.
12شۇنىڭغا ئوخشاش غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى؛ پەردىلەرنى ئېسىشقا ئون خادا ۋە خادىلارنىڭ ئون تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى.
13ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى.
14بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى.
15يەنە بىر تەرىپىدىمۇ ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى.
16ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن تىكىلگەنىدى.
17ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلارنىڭ تەگلىكى مىستىن، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى؛ خادىلارنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈشتىن قاپلانغانىدى. ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى.
18ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچىلەر تەرىپىدىن كەشتىلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشاش بولۇپ بەش گەز ئىدى.
19ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن مىستىن ياسالغان تۆت تەگلىكى بار ئىدى؛ خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى.
20مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھەم چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن ياسالدى.
21مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خۇداغا* ئاتالغانىدى): ــ
22يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى؛
23دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى؛ ئۇ بولسا نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى ھەمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپتىن ئاق كاناپ رەختكە كەشتە تىكەلەيدىغان ئۇستا ئىدى.
24مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل ئىدى. ◼ 38:24 +bd «يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل...»+bd* ــ بىر «تالانت» 3000 شەكەل ئىدى. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەل»نىڭ بىرلىكى (ئالتۇن) 224 گرام بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئالتۇنلارنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 توننا بولغان بولىدۇ.*
25جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈمۈش بولسا مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ئىدى. ◼ 38:25 +bd «جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر...»+bd* ــ بۇ «ئادەملەر» ئەركەك كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ («چۆل.» 2:1-46نى كۆرۈڭ). +bd «بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ...»+bd* ــ كۈمۈشكە نىسبەتەن «تالانت» ۋە «شەكەل»نىڭ بىرلىكى ئالتۇننىڭكىگە ئوخشاش بولسا، بۇ كۈمۈشلەرنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 6.7 توننا بولغان بولىدۇ.*
26بۇ كۈمۈش نوپۇسى رويخەتكە ئېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىنغانىدى ــ دېمەك، كىمكى يىگىرمە ياش يا ئۇنىڭدىن چوڭ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەربىرى بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل كۈمۈش بەردى. ساناقتىن ئۆتكەن كىشى ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى.
27مۇقەددەس جاينىڭ تەگلىكلىرىنى ھەم ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ تەگلىكلىرىنى قۇيۇشقا يۈز تالانت كۈمۈش كەتتى؛ يۈز تالانت كۈمۈشتىن يۈز تەگلىك ياسىلىپ، ھەربىر تەگلىك ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى.
28ئۇ قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل كۈمۈشتىن خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياسىدى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلىدى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە چاتىدىغان بالداقلارنى ياسىدى.
29«پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن مىس بولسا يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى. ◼ 38:29 +bd «يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل...»+bd* ــ بىر «تالانت» مىس 1500 شەكەل ياكى بەزىدە 3000 شەكەل ھېسابلىنىدۇ؛ بىر شەكەل مىس 224 گرام ياكى 540 گرام بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ مىسنىڭ ئېغىرلىقى 23-92 توننا ئوتتۇرىسىدا بولسا كېرەك.*
30بۇنىڭدىن ئۇ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تەگلىكلىرىنى، مىس قۇربانگاھنى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى،