1ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ
2بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن. ◼ 40:2 +bd «مۇقەددەسخانىسى»+bd* ــ دېمەك، چېدىرنىڭ ئۆزى، يەنى «مۇقەددەس جاي» بىلەن «ئەڭ مۇقەددەس جاي».*
3ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛
4شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. ◼ 40:4 +bd «چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن»+bd* ــ ياكى «چىراغلارنى يېقىپ قويغىن».* ◘ 40:4 مىس. 26:35؛ 27:20*
5ئالتۇن بىلەن قاپلانغان* خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن. ◼ 40:5 +bd «خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھ»+bd* ــ خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 40:5 مىس. 26:36*
6كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛
7ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. ئىبادەت چېدىرى ۋە سىرتقى ھويلىسى|src="tabscheme-uara-01.jpg" size="span" ref="«مىس.» 7:40" *
8ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛ ◘ 40:8 مىس. 27:16*
9ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل چېدىر* مۇقەددەس بولىدۇ.
10سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى خۇداغا ئاتاپ* مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ. ◘ 40:10 مىس. 29:37*
11سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن.
12ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛
13ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، ماڭا ئايرىپ* مۇقەددەس قىلغىن.
14ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ،
15ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ بەلگىسى* بولىدۇ. ◼ 40:15 +bd « ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن»+bd* ــ بۇ ئىشنىڭ، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى مەسىھلەپ كاھىنلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىنىڭ تەپسىلاتلىرى «لاۋ.» 8-بابتا خاتىرىلەنگەن.*
16مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى.
17شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. ◼ 40:17 +bd «ئىككىنچى يىلى»+bd* ــ دېمەك، مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى.* ◘ 40:17 چۆل. 7:1*
18مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى.
19مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە ئىچكى* يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
20ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىلىرىدىن* ئۆتكۈزۈپ، «كەفارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى. ◼ 40:20 +bd ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»+bd* ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلگەن ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ).*
21ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. ◘ 40:21 مىس. 35:12*
22ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى* پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى.
23«تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. ◘ 40:23 مىس. 25:30*
24ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى،
25چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
26ئاندىن ئۇ خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى* ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛ ◼ 40:26 +bd «خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى ئالتۇن قۇربانگاھ»+bd* ــ خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىدۇ.*
27ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
28ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى.
29ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. ◼ 40:29 +bd «+bdit كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ+bdit* قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى»+bd* ــ ھەربىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بىر ئاشلىق ھەدىيەسى قوشۇپ سۇنۇلۇشى كېرەك (مەسىلەن، «چۆل.» 28-29بابلارنى كۆرۈڭ).*
30يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى.
31-32 مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
33ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى.
34شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. ◘ 40:34 چۆل. 9:15؛ 1پاد. 8:10*
35بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى.
36قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى.
37بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى.
38چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى. ◘ 40:38 مىس. 13:21؛ چۆل. 14:14؛ قان. 1:33؛ نەھ. 9:19؛ زەب. 78:14؛ 105:39؛ 1كور. 10:1*