نەھەمىيا 7:1-72 UIGB2010 - Bible AI

1سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى،

2مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. ◼ 7:2 +bd «ئىنىم ھانان»+bd* ــ نەھەمىيانىڭ ئىنىسى 2:1، 3دە تىلغا ئېلىنىدۇ. +bd «مەن ئىنىم ھانانى بىلەن ... ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم»+bd* ــ يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا ئادەملەرنى قويۇش، نەھەمىيانىڭ ئارتاخشاشتانىڭ يېنىغا قايتماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (6:2نى كۆرۈڭ). +bd «ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ..». بەزى ئالىملار «ئۇ» ھانانىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.*

3مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. ◼ 7:3 +bd «دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلسۇن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلسۇن». +bd «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى چۈش ۋاقتىدا ئوچۇق تۇرمىسۇن؛ قوۋۇقلار ئېتىلگەندە، بالداقلىرى تاقالغىنىدا دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلسۇن؛ يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار ئېلىنىپ، كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇپ بېكىتىلسۇن؛ بەزىلەر ئالاھىدە نۆۋەتتىكى كۆزەتتە تۇرسۇن، بەزىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆزەتتە تۇرسۇن». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.*

4شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى.

5خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ

6تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ ◼ 7:6 +bd «تۆۋەندىكىلەر... ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن...»+bd* ــ بۇ تىزىملىك بىلەن «ئەزرا» 2-بابتىكى تىزىملىك ئوتتۇرىسىدا ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى، سانى ۋە تىزىملىك تەرتىپىدە بەزىدە ئازراق پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەر ئىككى تىزىملىكنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىسپات بېرىدۇ. ئىككىنچى تىزىملىكنى يېرۇسالېمدا، بىرىنچى تىزىملىكنى بابىلدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى تىزىملىك ئاخىرىدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بىرىنچى تىزىملىكتە خاتىرىلەنگەن بەزىلىرى شۈبھىسىزكى، كېيىن نىيىتىدىن ېينىپ، يېرۇسالېمغا بارماي قالغان ياكى بارغاندىن كېيىن، يەنە بابىلغا قايتىپ كەتكەنىدى؛ شۇنداقلا يېرۇسالېمغا قايتىش يولىدا ئۆلگەنلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەسلىدىكى تىزىملىككە خاتىرىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارىمەن دەپ «قايتىش»قا قاتناشقانلارمۇ بار بولسا كېرەك؛ ئۇلار ئىككىنچى تىزىملىككە خاتىرىلەنگەن.* ◘ 7:6 ئەزرا 2*

7ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ

8پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛

9شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛

10ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛

11پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛

12ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛

13زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛

14زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛

15بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛

16بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛

17ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛

18ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛

19بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛

20ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛

21ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛

22ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛

23بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛

24ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ ◼ 7:24 +bd «ھارىف»+bd* ــ «ئەزرا» 18:2دە «يوراھ».*

25گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ ◼ 7:25 +bd «گىبېئون»+bd* ــ «ئەزرا» 20:2دە «گىببار».*

26بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛

27ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛

28بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى.

29كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛

30راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛

31مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛

32بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛

33ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛

34ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛

35ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛

36يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛

37لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ ◼ 7:37 +bd «لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى...»+bd* ــ ياكى «لودلۇقلار، ھادىدلىقلار ۋە ئونولۇقلار...».*

38سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى.

39كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛

40ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛

41پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛

42ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.

43لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى. ◼ 7:43 +bd «خودۋاھ»+bd* ــ «ئەزرا» 40:2دە «خوداۋىيا».*

44غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى.

45دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى.

46ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. ◼ 7:46 +bd «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتىنىيلار». مەنىسى بەلكىم «بېغىشلانغانلار». ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بەلكىم «گىبېئونلۇقلار» ئىدى. «يەشۇئا» 27:9نى ۋە «1تار.» 2:9نى كۆرۈڭ.*

47كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، ◼ 7:47 +bd «سىيا»+bd* ــ «ئەزرا» 47:2دە «سىياھا».*

48لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى،

49ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى،

50رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى،

51گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى،

52بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، ◼ 7:52 +bd «نەفۇسسەسىم»+bd* ــ «ئەزرا» 50:2دە «نەفۇسسىم».*

53باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى،

54بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، ◼ 7:54 +bd «بازلىت»+bd* ــ ياكى «بازلۇت» «ئەزرا» 52:2.*

55باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى،

56نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت.

57سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، ◼ 7:57 +bd «پېرىدا»+bd* ــ ياكى «پېرۇدا» «ئەزرا» 55:2.*

58يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى،

59شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. ◼ 7:59 +bd «ئامون»+bd* ــ ياكى «ئامى» «ئەزرا» 57:2.*

60ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.

61تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.

62بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛

63كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. ◼ 7:63 +bd «كوزنىڭ ئەۋلادلىرى»+bd* ــ ياكى «ھاككوزنىڭ ئەۋلادلىرى».*

64بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى.

65ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. ◼ 7:65 +bd «ۋالىي»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «تىرشاتا»، ئەسلىدە پارس تىلى بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «جانابلىرى». +bd «ئۇرىم ۋە تۇممىم»+bd* ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. ئۇ كاھىن كىيگەن «ئەفود»نىڭ يانچۇقىدا (قوشېندا) تۇرىدۇ. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. «مىس.» 28:28-30نى كۆرۈڭ. «ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە» ــ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۇرىم ۋە تۇممىم بابىلدا سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ (2) تېپىلغىنى بىلەن ئۇلارغا تەبىر بېرىپ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان كاھىن تېخى چىقمىدى.*

66پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ ◼ 7:66 +bd «قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى»+bd* ــ بۇ «ئەزرا» 64:2دىكى سانغا ئوخشاش؛ شۈبھىسىزكى، بۇ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، بابىلغا قايتماي، يەھۇدىيەدە ھەقىقىي ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ سانىدۇر.*

67‏-68 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى،

69تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.

70جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى ئىبادەتخانا* قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ ◼ 7:70 +bd «دارىك»+bd* ــ (ياكى «دراخما») ــ مۇشۇ يەردە پارس ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل ئالتۇن تەڭگە، بىر دارىكنىڭ ئېغىرلىقى 0.4-0.5 گرام بولۇشى مۇمكىن؛ مۇشۇ يەردە بۇ داسلارنىڭ قىممىتى 0.4-0.5 كىلوگرام ئالتۇنغا باراۋەر ئىدى.*

71جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ ◼ 7:71 +bd «مىنا»+bd* ــ بىرخىل كۈمۈش تەڭگە، 60 شەكەلگە ياكى «تالانت»تىن ئاتمىشتىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. مۇشۇ يەردە كۈمۈشنىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى بەلكىم 800-1200 كىلوگرامچە ئىدى.*

72خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>