1يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
2يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛ ◼ 8:2 +bd «يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى»+bd* ــ بۇ كۈن «كانايلار چېلىش ھېيتى» ئىدى. ئادەتتە شۈ ھېيت ئۈچۈن بارلىق خەلقنىڭ يېرۇسالېمغا يىغىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايتتى؛ لېكىن يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدىكى «كەفارەت كۈنى» ۋە كېيىنكى «كەپىلەر ھېيتى»دا (14-21-كۈنى) يىغىلىشى مۇقەددەس قانۇندا تەلەپ قىلىنغانىدى.*
3«سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى.
4تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى.
5ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى.
6ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
7ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇئا بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى.
8ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى. ◼ 8:8 +bd «ئۇلار ... كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ ... چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى»+bd* ــ بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانى، شۈبھىسىزكى، ئارامىي تىلىغا ۋە بەلكىم باشقا بىرنەچچە تىللارغا تەرجىمە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.*
9ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى.
10ئاندىن نەھەمىيا* ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە يىمەك-ئىچمەك* تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى. ◼ 8:10 +bd «ئاندىن (نەھەمىيا) ئۇلارغا...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاندىن ئۇ ئۇلارغا...». بەزى ئالىملار، سۆزلىگۈچى ئەزرا ئىكەن، دەپ قارايدۇ.*
11لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى.
12جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى.
13ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى.
14ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى، ◘ 8:14 مىس. 23:16؛ لاۋ. 23:34؛ چۆل. 29:12-39؛ قان. 16:13، 14، 15*
15شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۈجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى. ◼ 8:15 +bd «...تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى»+bd* ــ بەلگىلىمە «لاۋ.» 34:23-44، «قان.» 13:16-17نى كۆرۈڭ.*
16شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى.
17سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى.