1مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى. ◼ 1:1 +bd «خۇدا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلوھىم» دېيىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. +bd «ئاسمانلار»+bd* ــ مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئۈچ قاتلام ئاسمان بار؛ بىرىنچى قات ئاسمان «ئاتموسفېرا»، ئىككىنچى قات ئاسمان «ئالەم بوشلۇقى»، ئۈچىنچى قات ئاسمان خۇدانىڭ ئەرشىدۇر. شۇڭا «ئاسمان» كۆپ يەرلەردە «ئاسمانلار» دېيىلىدۇ.* ◘ 1:1 ئايۇپ 38:4؛ زەب. 33:6؛ 89:11؛ 136:5-6؛ روس. 14:15؛ ئىبر. 11:3*
2ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. ◼ 1:2 +bd «بولدى»+bd* ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئىدى» ياكى «تۇراتتى» دەپ ئېلىنغان. ئالىملارنىڭ بۇ ئايەت ئۈستىدىكى ئۈچ خىل قارىشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «چوڭقۇر سۇلار»+bd* ــ دېڭىز-ئوكيانلارنى كۆرسىتىدۇ. +bd «قاپلىدى»+bd* ــ ياكى «قاپلىغانىدى». +bd «لەرزان پەرۋاز قىلاتتى»+bd* ــ مۇشۇ ھالەتنى ئىبرانىي تىلىدا «(تۇخۇم بېسىۋاتقان) كۈرۈك توخۇدەك ھالەتتە تۇرىدۇ» دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ.*
3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
4خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى.
5خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. ◼ 1:5 +bd «كەچ بىلەن سەھەر»+bd* ــ «تۇنجى كۈنى»دە «كەچ بىلەن سەھەر» بولغانىكەن، ئۇنداقتا «تۇنجى كۈن» ئادەتتىكى بىر كۈننى، يەنى 24 سائەتلىك بىر كۈننى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
6ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار يۇقىرى-تۆۋەن* ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى. ◼ 1:6 +bd «بىر بوشلۇق»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يېيىلغان بىر نەرسە».* ◘ 1:6 زەب. 33:6؛ 104:3؛ 136:5-6؛ پەند. 8:28؛ يەش. 42:5؛ يەر. 10:12؛ 51:15*
7شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. ◼ 1:7 +bd «سۇلارنىڭ ئايرىلىشى»+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 1:7 زەب. 33:7؛ 136:6؛ پەند. 8:24؛ زەب. 148:4*
8خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
9ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. ◘ 1:9 ئايۇپ 26:10؛ 38:8؛ زەب. 24:2؛ 136:6*
10خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
11ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛
12يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
13شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.
14خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ ◘ 1:14 زەب. 136:7*
15ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. ◘ 1:15 قان. 4:19؛ يەر. 31:35*
16خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى.
17-18 خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
19شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.
20خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى.
21شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. ◼ 1:21 +bd «چوڭ-چوڭ مەخلۇقلار»+bd* ــ بۇ سۆز گاھى ۋاقىتلاردا «ئەجدىھا»نى بىلدۈرىدۇ.*
22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى. ◘ 1:22 يار. 8:17.*
23شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.
24خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
25شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
26ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى. ◼ 1:26 +bd «خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدا بولۇش»+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق ۋە «خۇداغا ئوخشايدىغان قىلىنىش»، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ ئايەتتە «بىز، بىزنىڭ» دېگىنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 1:26 يار. 3:5، 6:9؛ مات. 20:22: 1كور. 7:11، 49:15؛ 2كور. 4:4؛ كول. 15:1، 10:3؛ ياق. 9:3*
27شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛
28خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. ◘ 1:28 يار. 8:17؛ 9:1، 2، 7. *
29ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ ◘ 1:29 يار. 9:3؛ زەب. 104:14، 15*
30شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. ◘ 1:30 زەب. 104:13-14*