يارىتىلىش 10:1-31 UIGB2010 - Bible AI

1تۆۋەندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ ◼ 10:1 +bd «ئىزاھات»+bd* ــ مۇشۇ بابتىكى نەسەبنامىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ۋە نەسەبنامىدىكى يەتمىش ئەلنىڭ ھازىرقى قايسى ئەل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ. +bd «تۆۋەندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ »+bd* ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ تۆتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تولىدوتى» («نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:10-9:11) باشلىنىدۇ.* ◘ 10:1 1تار. 1‏:4* ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى|src="genealogicaltreenations-uara-01.jpg" size="span" ref="«يار.» 10" *

2يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. ◘ 10:2 1تار. 1‏:5. *

3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارماھ ئىدى.

4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى. ◼ 10:4 +bd «بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»+bd* ــ بەزى ئالىملار «يافەتنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر پەقەت ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىل.*

5بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.

6ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى. ◼ 10:6 +bd «مىسىر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىتسرائىم». +bd «پۇت»+bd* ــ «لىۋىيە»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولدى.* ◘ 10:6 1تار. 1‏:8. *

7كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى.

8كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى. ◼ 10:8 +bd «نىمرود»+bd* ــ بۇ ئىسىم «ئاسىي» «ئىسيان كۆتۈرگۈچى» دېگەن مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا كېيىنرەك قويۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇداغا قارشى چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.* ◘ 10:8 1تار. 1‏:10. *

9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان. ◼ 10:9 +bd «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى»+bd* ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم نىمرودنىڭ ئىسمىنى چۈشەندۈرىدۇ. «ئوۋچى» مۇشۇ يەردە بەلكىم ھايۋانلارنىلا ئەمەس، ئىنسانلارنى ئوۋلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ بۇ يەردە «ئوۋچى» دېگەن سۆزنىڭ «جاھانگىر» دېگەن مەنىسىمۇ بار. كونا يەھۇدىي ئۇستازلار («راببىلار»)نىڭ ھەممىسى: «پەرۋەردىگار ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ خۇداغا قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايتتى. چۈنكى نىمرود كېيىن بەرپا قىلغان شەھەرلەر، جۈملىدىن بابىل شەھىرى خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى چىققان، شۇنداقلا خۇداغا قارشى چىقىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. +bd «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن»+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن سەلبىي بولۇشى مۇمكىن: «ئۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئادەم»، «ناھايىتى تەكەببۇر بىر جاھانگىر»، «ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىشقا پېتىنىدۇ» دېگەندەك مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.*

10ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى. ◼ 10:10 +bd «شىنار»+bd* ــ «بابىل» ياكى «بابىلون»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر. +bd «ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى»+bd* ــ «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەر ئىدى».*

11‏-12 ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى). ◼ 10:11‏-12 +bd «ئاشۇر»+bd* ــ يەنى «ئاسۇرىيە». مۇمكىنچىلىكى باركى، نىمرود بابىل شەھىرىدە خۇداغا قارشى بولغان ھەرىكەتكە باشلامچى بولغانىدى؛ شۇڭا كېيىن (ئىنسان تىللىرى قالايمىقانلاشتۇرۇلغاندا) ئۇ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار،

14پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.

15قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن.

16ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار،

17ھىۋىيلار، ئارقىيلار، سىنىيلار،

18ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى.

19قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى.

20يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.

21شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.

22شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ ◘ 10:22 يار. 11‏:10؛ 1تار. 1‏:17. *

23ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى. ◼ 10:23 +bd «ماش»+bd* ــ ياكى «مەشەك».*

24ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. ◼ 10:24 +bd «ئېبەر»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» دېگەن سۆز بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان.* ◘ 10:24 1تار. 1‏:18. *

25ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. ◼ 10:25 +bd «پەلەگ»+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى» ــ بۇ سۆز ھەقتە ئۈچ خىل ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارى ۋەقەسىدە (11-باب)، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ ئۆزىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىرلا قۇرۇقلۇق ئىدى، چوقۇم كېيىنچە مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئانتاركتىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنگەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*

26يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ،

27ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ،

28ئوبال، ئابىمائەل، شېبا،

29ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

30ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى.

31يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.

>