يارىتىلىش 12:1-19 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار ئەسلىدە* ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ

2شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولغىن؛

3كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. ◼ 12:3 +bd «سېنى خورلىسا»+bd* ــ ياكى «سېنى تۆۋەن كۆرسە»، «سېنى پەس قىلسا». +bd «سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ!»+bd* ــ خۇدانىڭ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھدىسى ۋە شەرتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 12:3 يار. 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ روس. 3‏:25؛ گال. 3‏:8. * ئىبراھىمنىڭ سەپىرى|src="abrahamsjourney-uara-01.jpg" size="span" ref="«يار.» باب-12" *

4ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە ھاراندىن* ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى.

5ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال-مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. ◘ 12:5 روس. 7‏:4. *

6ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى). ◘ 12:6 يار. 10‏:18،19؛ 13‏:7. *

7پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.

8ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. ◼ 12:8 +bd «نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى»+bd* ــ ياكى «نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىپ». 26:4نى كۆرۈڭ.*

9ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى.

10زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى. ◼ 12:10 +bd «چۈشتى»+bd* ــ ئىبرانىيلارغا نىسبەتەن ئۇلار خۇدانىڭ «مۇقەددەس زېمىن»ى بولغان قانائان (پەلەستىن)دىن چىقىپ ھەرقايسى جايلارغا (ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېگىز بولسۇن، پەس بولسۇن) ماڭسا، «چۈشۈش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ھەرقايسى يەردىن پەلەستىنگە قاراپ ماڭسا، «چىقىش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «ئابرام مىسىرغا چۈشتى»+bd* ــ ئابرام (ئىبراھىم)نىڭ مىسىرغا چۈشۈشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىز («ئىبراھىمنىڭ ھاياتىدىن ئالىدىغان ساۋاقلار ۋە ئىبرەتلەر»)دە ئازراق توختىلىمىز.*

11ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن.

12شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ.

13شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى. ◘ 12:13 يار. 20‏:12؛ 26‏:7. *

14ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى.

15پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى. ◼ 12:15 +bd «پىرەۋن»+bd* ــ مىسىرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى.*

16پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى.

17ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى. ◘ 12:17 زەب. 105‏:14-15*

18شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟

19نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى.

>