1شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى.
2ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى.
3ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا، ◘ 13:3 يار. 12:8. *
4قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. ◘ 13:4 يار. 4:26؛ 12:8. *
5ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى.
6ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛ ◘ 13:6 يار. 36:7. *
7بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى). ◼ 13:7 +bd «ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى»+bd* ــ «قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەر»نىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم (1) ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدە ئىچكى جېدەل بولسا، ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەر ئالدىدا ئىبراھىمنىڭ خۇدا توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا داغ چۈشەتتى؛ (2) ئىچكى جېدەل ئائىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.* ◘ 13:7 يار. 12:6. *
8شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن.
9مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى. ◘ 13:9 يار. 20:15؛ 34:10. *
10ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى. ◼ 13:10 +bd «بارلىق تۈزلەڭلىك.... سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى»+bd* ــ بۇ يەرلەر ھازىر «ئۆلۈك دېڭىز» ئەتراپىدىكى قۇپقۇرۇق قاغجىراق جايلاردۇر. +bd «پەرۋەردىگارنىڭ بېغى»+bd* ــ دېمەك، ئېرەم بېغى. +bd «مىسىر زېمىنىدەك»+bd* ــ مىسىر زېمىنى، بولۇپمۇ نىل دەرياسى ئەتراپى تولىمۇ مۇنبەت، سۈيى مول زېمىندۇر.*
11شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى.
12ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى.
13سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى. ◘ 13:13 يار. 18:20؛ ئەز. 16:49. *
14لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە قارىغىن؛
15چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن. ◼ 13:15 +bd «سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ... بېرىمەن»+bd* ــ ئۇ كۆرۈۋاتقان زېمىن لۇت تاللىۋالغان ئىئوردان ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
16سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ. ◘ 13:16 يار. 15:5؛ 17:4؛ قان. 10:22؛ يەر. 33:22؛ رىم. 4:17،18؛ ئىبر. 11:12. *
17ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.