يارىتىلىش 17:1-25 UIGB2010 - Bible AI

1ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن. ◼ 17:1 +bd «قادىر تەڭرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەل-شادداي». «شادداي» دېگەن سۆز بەلكىم «مۈرە» دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن چىققان ــ شۇنىڭ بىلەن «شادداي» «مەن يۆلەنگەن مۈرەم» دېگەندەك يېقىملىق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. +bd «مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ»+bd* ــ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ تەييارلىغان بىر يولى بار، ئۇلار ئۇنىڭدا مېڭىشى كېرەك. دېمەك، ئېتىقادچىلار «خۇدا مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ۋىجدانىم بويىچە مېڭىشىم كېرەك» دېگەن ئۇقۇمدا ياشايدۇ.* ◘ 17:1 يار. 5‏:22. *

2مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى. ◘ 17:2 يار. 12‏:2؛ 13‏:16؛ 15‏:5، 18؛ مىس. 2‏:24؛ 6‏:4؛ لاۋ. 26‏:42. *

3ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ

4ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. ◼ 17:4 +bd «مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر»+bd* ــ ياكى «مانا، مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم شۇدۇر: -».* ◘ 17:4 رىم. 4‏:17. *

5شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم. ◼ 17:5 +bd «ئىبراھىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاۋراھام». بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئاتىسى» ياكى «كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئاتىسى».*

6مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. ◘ 17:6 مات. 1‏:6. *

7مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛ ◘ 17:7 يار. 13‏:15. *

8مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى. ◘ 17:8 يار. 15‏:18؛ قان. 1‏:8. *

9ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك.

10مەن سەن بىلەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭ بىلەن تۈزگەن، سىلەرنىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئەھدەم شۇكى، ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەركەك خەتنە قىلىنسۇن. ◼ 17:10 +bd «مەن سەن بىلەن...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سىلەر بىلەن». بۇ «سىلەر» ئىبراھىم ۋە بارلىق ئۆيىدىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىشى كېرەك.*

11شۇنىڭ بىلەن سىلەر خەتنىلىكىڭلارنى كېسىۋېتىشىڭلار كېرەك؛ بۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. ◘ 17:11 روس. 7‏:8؛ رىم. 4‏:11. *

12بارلىق ئەۋلادلىرىڭلار، نەسىلدىن-نەسىلگە ئاراڭلاردا، مەيلى ئۆيدە تۇغۇلغانلار بولسۇن، ياكى ئەۋلادىڭلاردىن بولماي ياتلاردىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلار بولسۇن، ھەممە ئەركەك سەككىز كۈنلۈك بولغاندا خەتنە قىلىنسۇن. ◘ 17:12 لاۋ. 12‏:3؛ لۇقا 2‏:21. *

13ئۆيۈڭدە تۇغۇلغانلار بىلەن پۇلۇڭغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مېنىڭ ئەھدەم تەنلىرىڭلاردا ئورناپ، ئەبەدىي بىر ئەھدە بولىدۇ.

14لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى.

15خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن. ◼ 17:15 +bd «ساراي»+bd* ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «مېنىڭ مەلىكەم». لېكىن «ساراھ» بولسا پەقەت «مەلىكە» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم شۇكى، شۇ چاغدىن باشلاپ ساراھ پەقەت ئىبراھىم ئۆزىگىلا «مەلىكە» بولۇپلا قالماي، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن «مەلىكە» دەپ ھېسابلىنىدۇ («ئىبر.» 11:11نى كۆرۈڭ).*

16مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. ◼ 17:16 +bd «... ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ»+bd* ــ ساراھدىن بولغان شۇ ئەل-مىللەتلەر «يەھۇدا»، «ئىسرائىل» (ئون قەبىلە) ۋە «ئېدوم» بولىدۇ. ئون قەبىلە سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ھازىرقى بىرنەچچە مىللەت شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.*

17ئىبراھىم يەنە* ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى. ◼ 17:17 +bd «ئىبراھىم ... دۈم يېتىپ كۈلۈپ... دېدى»+bd* ــ ئىبراھىمنىڭ كۈلگەنلىكى بەلكىم يېرىم ئىشەنچ، يېرىم ئىشەنچسىزلىكتىن، يېرىم گۇماندىن، يېرىم خۇشاللىقتىن بولسا كېرەك. لېكىن «رىم.» 17:4-21دە دېيىلگەنلەر بويىچە، ئىبراھىم تېزلا تولۇق ئىشەنچكە كەلدى. ئۇنىڭ بولغۇسى ئوغلى «ئىسھاق»نىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى «كۈلكە»دۇر.*

18ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى. ◼ 17:18 +bd «ئىسمائىل سېنىڭ ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى!»+bd* ــ مەنىسى، بەلكىم، «ئىسمائىل سەن خۇدانىڭ بەخت-بەرىكىتىگە ئېرىشسۇن!» دېگەندەكتۇر. خېلى روشەنكى، ئىبراھىم مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىسمائىلنى خۇدا ۋەدە قىلغان ئوغلۇم، دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.*

19خۇدا ئۇنىڭغا: ــ ياق، ئايالىڭ ساراھ جەزمەن ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن ئۇنىڭغا «ئىسھاق» دەپ ئات قويغىن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن؛ بۇ ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان نەسلى بىلەن باغلىغان ئەبەدىي بىر ئەھدە سۈپىتىدە بولىدۇ. ◼ 17:19 +bd «ئىسھاق»+bd* ــ مەنىسى «كۈلكە».* ◘ 17:19 يار. 18‏:10؛ 21‏:2. *

20ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. ◼ 17:20 +bd «ئۇلۇغ بىر خەلق»+bd* ــ بۇ ئەرەبلەردۇر.* ◘ 17:20 يار. 16‏:10؛ 25‏:12،16. *

21بىراق ئەھدەمنى بولسا مەن كېلەر يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساراھ ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل ــ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن، ــ دېدى. ◘ 17:21 يار. 21‏:2. *

22خۇدا ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى.

23شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنىلا ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغانلار ۋە پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى ئېلىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ خەتنە قىلدى.

24ئىبراھىمنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشقا كىرگەنىدى.

25ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ خەتنىلىكى كېسىلىپ، خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى.

>