يارىتىلىش 20:1-16 UIGB2010 - Bible AI

1ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى.

2شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى ئۆزىگە* خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى. ◘ 20:2 يار. 12‏:13؛ 26‏:7. *

3لېكىن بىر كۈنى* كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى.

4ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟ ◼ 20:4 +bd «ھەققانىي خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟»+bd* ــ ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارغا بىر خىل ۋابا چۈشكەنىدى (18-ئايەت). شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى ئۈچۈن رەھىم تىلىمەكچى. ئابىمەلەكنىڭ كۆپ جەھەتلەردە خېلى ياخشى تەرەپلىرى بار.*

5ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى. ◼ 20:5 +bd «ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قولۇمنىڭ پاكلىكى بىلەن...».*

6خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم.

7ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.

8ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى.

9ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى.

10ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ◼ 20:10 +bd «سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟»+bd* ــ ئابىمەلەك بۇ ئىككىنچى سوئالنى بەلكىم ھەقىقىي كەمتەرلىك بىلەن سورىغان بولسا كېرەك. ئۇ شۈبھىسىزكى خۇدادىن قورققچقا، خۇدانىڭ ئىبراھىم توغرۇلۇق «ئۇ پەيغەمبەر» دېگەن سۆزىنى ئېسىدىن چىقارمىدى.*

11ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم.

12ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى. ◼ 20:12 +bd «لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «لېكىن ئۇ ئانامنىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى ئاتامنىڭ قىزى ئىدى».*

13لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى. ◼ 20:13 +bd «يۈرگۈزگىنىدە»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ پېئىل كۆپلۈك شەكلىدە.* ◘ 20:13 يار. 12‏:13. *

14ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.

15ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى.

16ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن». ◼ 20:16 +bd «شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن»+bd* ــ بىز شۇ زاماندىكى ئۆرپ-ئادەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولمىغاچقا، ئابىمەلەكنىڭ بۇ سوۋغىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھازىر چۈشىنىشىمىز تەسرەك بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.*

>