1ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى.
2ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
3شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛
4مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى.
5ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە،
6-7 رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
8ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن.
9سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي.
10سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى.
11لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن.
12مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى.
13ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ ئوغلاقلارنى* ئېلىپ كەل، ــ دېدى.
14ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى.
15ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ،
16ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ،
17ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
18ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى.
19ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى.
20ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى.
21ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى.
22شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى.
23ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونۇيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى.
24ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى.
25ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. ياقۇپ* ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى.
26ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى.
27ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ
28خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى،
29خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي،
30شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى.
31ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى.
32ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى.
33بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى.
34ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى. ◘ 27:34 ئىبر. 12:17. *
35ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى.
36ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. ◼ 27:36 +bd «مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى»+bd* ــ بۇ دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياقۇپ» دېگەننىڭ بىر مەنىسى «ئورۇن ئىگىلىۋالغۇچى» (26:25نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە «پۇتلىغۇچى» دېگەن يەنە بىر مەنىسى بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 27:36 يار. 25:33. *
37ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى.
38ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ◘ 27:38 ئىبر. 12:17. *
39ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ
40سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن،
41شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى.
42لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛
43ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛
44ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن.
45ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى.