1يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 3:1 +bd «يىلان... دەپ سورىدى»+bd* ــ بىزدە گۇمان يوقكى، يىلاننى ئىشلىتىپ سۆز قىلغۇچى شەيتان ئىدى («ۋەھ.» 9:12، 2:20نى كۆرۈڭ). ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، شەيتان «خۇدا» دېگىنى بىلەن «رەب» ياكى «پەرۋەردىگار» دېگەن ناملارنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ ئايالدىن سوئال سورىغاندا خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزىدىكى «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىدۇ.*
2ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.
3ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. ◼ 3:3 +bd «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ»+bd* ــ ھاۋائانىمىز خۇدانىڭ تاپىلىغىنىنى ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن «خالىغىنىڭچە» دېگەن سۆزنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ئىككىنچىدىن خۇدانىڭ سۆزىگە: «قول تەگكۈزمەڭلەر» دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ (4:2). لېكىن ھاۋائانىمىز مۇشۇ سۆزلەرنى بىۋاسىتە خۇدادىن ئاڭلىغان ئەمەس، ئېرى ئادەمئاتىمىز ئۇنىڭغا توغرا يەتكۈزۈشى كېرەك ئىدى؛ شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادەمئاتىمىزدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
4يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! ◘ 3:4 2كور. 11:3. *
5بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ◘ 3:5 يـۇھ. 8:44*
6ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ* يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. ◼ 3:6 +bd «ئايال ... كۆردى»+bd* ــ ھاۋائانا ئۇچرىغان ئازدۇرۇلۇشنى مەسىھ ئەيسا ئۇچرىغان سىناق بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلاردا ئوخشاش ئۈچ ئامىل مەۋجۇت ــ «لۇقا» 1:4-14 ۋە «1يۇھ.» 16:2نى كۆرۈڭ.
7يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى.
8كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. ◼ 3:8 +bd «كۈن سالقىنلىغاندا»+bd* ــ ياكى «كۈننىڭ سالقىن شامال ۋاقتىدا». «كۈننىڭ سالقىنلىشىش ۋاقتى» ئوتتۇرا شەرقتە كەچقۇرۇن باشلىنىدۇ.*
9لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى.
10ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ:
11خۇدا* ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى.
12ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. ◘ 3:13 ۋەھ. 12:13. *
14پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
15ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا،
16ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛
17ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ،
18يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛
19تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛
20ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى. ◼ 3:20 +bd «ھاۋا»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. ئادەمئاتىنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشارەتلىك ئىدى؛ چۈنكى ھاۋائانا تېخىچە بالا تۇغمىغانىدى.*
21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. ◼ 3:21 +bd «ھايۋان تېرىلىرى»+bd* ــ بۇ تېرىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم گۇناھسىز ھايۋاناتلار ئۆلۈشى كېرەك. بۇ بەلكىم بىرىنچى قۇربانلىقلار بولۇشى مۇمكىن. خۇدانىڭ ئادەمئاتا ۋە ھاۋائانىمىزغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە قىلغان مۇئامىلىسى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 3:21 2كور. 5:1-5*
22پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك*، دېدى. ◼ 3:22 +bd «بىزلەر»+bd* ــ بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (26:1 توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. +bd «ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ئەينى تېكىستتە يوق.*
23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى.