1يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. ◘ 39:1 يار. 37:28؛ زەب. 105:17*
2لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. ◘ 39:2 روس. 7:9. *
3ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى.
4شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
5ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى.
6شۇنىڭ بىلەن پوتىفار* بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى.
7بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى. ◘ 39:7 پەند. 7:13. *
8ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ.
9بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى.
10گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ،
11شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛
12بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى.
13ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،
14ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم! ◼ 39:14 +bd «ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ...». ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان بىھۆرمەتلىكى ئېنىق تۇرىدۇ.*
15ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى.
17ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى.
18لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى.
19ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى.
20شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى. ◼ 39:20 +bd « +bdit يۈسۈپنى+bdit* تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى»+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، پوتىفار «جاللات بېشى» بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلماسلىقى كۆڭلىدە ئايالىنىڭ گەپلىرىگە گۇمان پەيدا بولغانلىقىغا ئىسپات بولۇشى مۇمكىن. قايسى ئاياغ ئاستىدا دەسسىلىش خەتىرىگە قالغان ئايال ئۆزىنى بوزەك قىلماقچى كىشىنىڭ كىيىمىنى تۇتۇۋېلىشنى خالايتتى؟* ◘ 39:20 زەب. 105:18*
21لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى.
22شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى.