يارىتىلىش 49:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەممىڭلار* جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ

2يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛

3ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن،

4لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك،

5شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛

6ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن!

7ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن!

8ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر،

9يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛

10شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ،

11ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا،

12ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر،

13زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار،

14ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر،

15ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ،

16دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار،

17دان يول ئۈستىدىكى يىلان،

18ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم!

19گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛

20ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار،

21نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار،

22يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر،

23يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ،

24ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار،

25ئاشۇ كۈچ* ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!)

26سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى،

27بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛

28بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى.

29ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛

30ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. ◘ 49:30 يار. 23‏:16،9. *

31شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم. ◘ 49:31 يار. 25‏:9؛ 35‏:29؛ روس. 7‏:16. *

32بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى».

>