يارىتىلىش 5:1-31 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ

2ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى. ◼ 5:2 +bd «ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ،...»+bd* ــ 1-ئايەتتە ئىنسان «ئۇنى» دېيىلىدۇ؛ 2-ئايەتتە «ئۇلارنى» دېيىلىدۇ. دېمەك، 1-ئايەتتە ئەر-ئايالنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ شۇڭا ئىنسان «ئۇ» دېيىلىدۇ.* ◘ 5:2 يار. 1‏:26؛ مات. 19‏:4؛ مار. 10‏:6. *

3ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى.

4شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. ◼ 5:4 +bd شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتىنىڭ كۈنلىرى سەككىز يۈز يىل بولدى». بۇ بابتىكى ئوخشاش شەكىللىك جۈملىلەرنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى شۇنداق.* ◘ 5:4 1تار. 1‏:1. *

5ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

6شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى. ◘ 5:6 يار. 4‏:26. *

7ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

8شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

9ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى. ◘ 5:9 1تار. 1‏:2. *

10كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

11ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

12كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى.

13ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

14كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

15ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى.

16يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە* ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

17ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

18يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى. ◘ 5:18 1تار. 1‏:3. *

19ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

20يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

21ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. ◘ 5:21 يەھ. 14.*

22مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى. ◘ 5:22 ئىبر. 11‏:5. *

23ھانوخنىڭ يەر يۈزىدە* بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛

24ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ تۇيۇقسىز كۆزدىن* غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. ◼ 5:24 +bd «ھانوخ... خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى»+bd* ــ ھانوخ بولسا پەيغەمبەر ئىدى؛ ئۇ خۇدانىڭ چۈشۈرىدىغان جازالىرى توغرۇلۇق ئاگاھالاندۇراتتى («يەھ.» 14-ئايەتنى كۆرۈڭ). «ئىبر.» 5:11نىمۇ كۆرۈڭ.

25مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى.

26لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

27مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

28‏-29 لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز يەرگە* ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى. ◼ 5:28‏-29 +bd «نۇھ»+bd* ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «ئارام» دېگەنلىك بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا «تەسەللى» دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ.*

30نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.

31لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.