1ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا،
2خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى. ◼ 6:2 +bd «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ بۇ توغرۇلۇق تۆت خىل چۈشەنچە بار: ــ
3ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ
4شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى. ◼ 6:4 +bd «گىگانتلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەفىلىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نەفىلىم» دېگەننىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «يىقىلغانلار» بولۇشى مۇمكىن.
5پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى. ◼ 6:5 +bd «ھەرقاچان»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۈتكۈل كۈنىدە».* ◘ 6:5 يار. 8:21؛ ئايۇپ 15:16؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9؛ مات. 15:19؛ رىم. 3:11،12،13؛ 8:6. *
6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى.
7بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ
8لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى.
9نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ
10نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى.
11پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى.
12خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى. ◼ 6:12 +bd «ئەت ئىگىلىرى»+bd* ــ بۇ ئىبارە مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (3:6نىڭ ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ).
13شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ
14ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. ◼ 6:14 +bd «گوفەر ياغىچى»+bd* ــ ياكى «ئارچا ياغىچى». +bd «كېمە»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ۋە بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نىسبىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ كېمىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن شەكلى پەقەت ساندۇقتەك ئىدى. سەۋەبى، شۇ كېمىنىڭ مەقسىتى دېڭىزدا مېڭىش ئەمەس، پەقەت لەيلەپ يۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى.*
15سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. ◼ 6:15 +bd «گەز»+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.*
16كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا. ◼ 6:16 +bd «كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا»+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بار، لېكىن ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش.*
17چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ.
18لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. ◘ 6:18 1پېت. 3:20؛ 2پېت. 2:5. *
19ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛ ◼ 6:19 +bd «بارلىق جاندارلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەت ئىگىلىرىدىن».
20تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ.
21ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.