ياقۇپ 1:1-26 UIGB2010 - Bible AI

1خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام! ◼ 1:1 +bd «خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپ...»+bd* ــ ياقۇپ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئۆزىنى «روسۇل» دەپ ئاتىمايدۇ. لېكىن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسىتىمىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر روسۇل، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇشبۇ خېتىنى «روسۇللۇق ھوقۇق» بىلەن يېزىلغان، دەپ ئىشىنىمىز. خەت يەھۇدىي بولغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان، ئەلۋەتتە. «تارقاق مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلە» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

2ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. ◘ 1:2 مات. 5‏:11؛ رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:6. *

3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ ◘ 1:3 رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:7. *

4سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر.

5بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. ◘ 1:5 پەند. 2‏:3؛ يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 16‏:24؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. *

6بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ.

7ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛

8ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر.

9‏-10 نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. ◼ 1:9‏-10 +bd «نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن»+bd* ــ «ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى» ــ دېمەك، بىرسى مەسىھكە ئېتىقاد باغلىسىلا، مەيلى قانچىلىك نامرات بولسۇن خۇداغا يېقىن بولغان ئالىيجاناب، ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇن ھەم مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. +bd «باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ»+bd* ــ باي ئادەم ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېتىقاد باغلىغىنىدا ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى خۇدا ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس دەپ بىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. «باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس» («مات.» 24:19).*

11قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. ◘ 1:11 يەش. 40‏:6، 7؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. *

12سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن* بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا* ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ◼ 1:12 +bd «خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «خۇدا» پەقەت «ئۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 1:12 ئايۇپ 5‏:17؛ مات. 10‏:22؛ 19‏:28، 29؛ 2تىم. 4‏:8؛ 1پېت. 5‏:4؛ ۋەھ. 2‏:10. *

13ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.

14بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛

15ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

16شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار!

17بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى ئاسماندىكى* بارلىق* يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. ◼ 1:17 +bd «بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى (ئاسماندىكى) (بارلىق) يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ»+bd* ــ «پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسى» دېگەنلىك ئىبارە بەلكىم ھەم خۇدانىڭ بارلىق قۇياش-يۇلتۇزلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەرنىڭ دائىم يۇلتۇزلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 7:38، «زەب.» 4:147نى كۆرۈڭ).

18ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق* مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. ◼ 1:18 +bd «ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ،...»+bd* ــ «دەسلەپ پىشقان مېۋە»، ئەڭ بۇرۇن ئېلىنغان ھوسۇل بولسا، خۇداغا ئالاھىتەن ئاتىلاتتى. دېمەك، پۈتكۈل كائىنات خۇداغا بويسۇنىدۇ ۋە تەۋە بولىدۇ؛ لېكىن كائىناتنىڭ ئىچىدە مەسىھكە ئېتىقاد باغلىغۇچىلار «دەسلەپ پىشقان مېۋە» سۈپىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا بېقىنىپ تەۋە بولۇپ، «ھەقىقىي، روھىي» سەجدە قىلىدۇ. +bd «... ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بۇ «تۇغدۇرۇش»ى جىسمانىي ھايات ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھىدىن تۇغدۇرغانلىقىنى، يەنى روھىي ھاياتقا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا تۇغدۇرۇپ ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

19شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. ◘ 1:19 پەند. 17‏:27؛ توپ. 5‏:1. *

20چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. ◼ 1:20 +bd «چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ»+bd* ــ «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى»: (1) خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچىمى؛ (2) خۇدا ئالدىدا ئادىل ياكى ھەققانىي بولغان ئىشلار؛ (3) خۇدا ئىنساننىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان ھەققانىيلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى» (3)نى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى ئاتا قىلغان ھەققانىيلىقى بولمىسا، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەرقانداق باشقا ئادىللىق ياكى ھەققانىيلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.*

21شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، قەلبىڭلاردا* يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. ◼ 1:21 +bd «...سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار»+bd* ــ «سىلەرنى» گرېك تىلىدا «جېنىڭلارنى».* ◘ 1:21 رىم. 13‏:12؛ كول. 3‏:8. *

22ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. ◘ 1:22 مات. 7‏:21؛ لۇقا 11‏:28؛ رىم. 2‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:7. *

23‏-24 چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. ◼ 1:23‏-24 +bd «چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ»+bd* ــ بۇ ئادەمنىڭ «+bd ئەينى+bd* قىياپىتىگە قاراش»ى بەلكىم ئۆزىگە يۈزىدە داغ-نۇقسان بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك ــ دېمەك، خۇدانىڭ سۆزىگە قارىسا ئۆز گۇناھىنى كۆرىدۇ؛ لېكىن كۆڭلىنى تېزلا باشقا ئىشقا بۆلۈشى بىلەن گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ.* ◘ 1:23‏-24 لۇقا 6‏:47. *

25لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. ◼ 1:25 +bd «ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ...»+bd* ــ «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.* ◘ 1:25 مات. 5‏:19. *

26بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. ◘ 1:26 زەب. 34‏:13؛ ياق. 3‏:6؛ 1پېت. 3‏:10. *

© 2010 Institute for Bible Translation
v>