1يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: —
2«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ. ◼ 2:2 \+bd «تەھتىسارا»\+bd* — (ىبرانىي تىلىدا «شېئول») «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت سارايى»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. يۇنۇس ئۆزىنى ئۆلۈپ، تەھتىساراغا چۈشكەندەك ھېس قىلىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ بېلىق قارنىدا ھەقىقەتەن ئۆلگەن، ئاندىن خۇدا ئۇنى (بېلىقنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا) تىرىلدۈرگەن. ◘ 2:2 زەب. 120:1
3چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ ◘ 2:3 زەب. 42:7
4ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم. ◼ 2:4 \+bd «بىراق مەن ... تەلمۈرىمەن»\+bd* ــ باشكا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قانداقمۇ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرەپ قارايمەن؟».
5سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى.
6مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم.
7جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى.
8بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ. ◘ 2:8 ئەب. 6:31
9بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!» ◘ 2:9 زەب. 3:8؛ 50:23،14؛ 116:17؛ ھوش. 14:3؛ ئىبر. 13:15
10پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى.