يۇنۇس 3:1-9 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېگەندە:

2«ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا».

3يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى. ◼ 3:3 +bd «ئۈچ كۈنلۈك يول»+bd* — بەلكىم شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۈچ كۈن مېڭىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى نىنەۋە شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئىدى. بەزى ئالىملار «ئۈچ كۈنلۈك يول» دېگەننى شەھەرنى ئايلىنىشقا ئۈچ كۈن كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.*

4يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ:

5نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. ◼ 3:5 +bd «بۆز كىيىم كىيىش»+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا ئادەمنىڭ قاتتىق توۋا قىلىشىنى بىلدۈرەتتى.* ◘ 3:5 مات. 12‏:41؛ لۇقا 11‏:32*

6بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. ◼ 3:6 +bd «كۈللۈك»+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا توۋا قىلىش ياكى قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەملەر كۈل دۆۋىسىدە ئولتۇراتتى. قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ سىرتىدا ئادەتتە چوڭ بىر «كۈل دۆۋىسى» بولاتتى، نىنەۋە شەھىرىدە مۇنداق كۈللۈكلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.*

7ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن.

8ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛

9كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». ◘ 3:9 يو. 2‏:14*

© 2010 Institute for Bible Translation
>