يۇھاننا «1» 1:1-9 UIGB2010 - Bible AI

1ئەزەلدىن بار بولغۇچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا سىلەرگە بايان قىلىمىز* ◘ 1:1 لۇقا 24‏:39؛ يـۇھ. 20‏:27؛ يـۇھ. 1‏:1، 14؛ 2پېت. 1‏:16. *

2(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) ◼ 1:2 +bd «شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز»+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەر بۇ خەتتە «ئاتا» ۋە «ئوغۇل» دېگەن سۆزلەرنى كۆرسە، خۇدائاتا ۋە خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ كالامى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.*

3ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر. ◼ 1:3 +bd «سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر»+bd* ــ «سىرداش-ھەمدەملىك» دېگەنلىك ئىنجىلدا بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.*

4سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز. ◼ 1:4 +bd «سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ...»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز تولۇپ تاشسۇن دەپ... » دېيىلىدۇ.*

5ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. ◘ 1:5 يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:35، 36. *

6ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. ◼ 1:6 +bd «ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز»+bd* ــ «ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز» گرېك تىلىدا «ھەقىقەتنى قىلمايمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

7لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ. ◼ 1:7 +bd «لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ»+bd* ــ «ئۇ ئۆزى» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، خۇدانى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:7 ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5. *

8ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ. ◘ 1:8 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 9‏:2؛ زەب. 143‏:2؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20. *

9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر. ◼ 1:9 +bd «گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر»+bd* ــ نېمىشقا روسۇل «ئۇ (خۇدا) ... ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» دەيدۇ؟

>