يۇھاننا «1» 2:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر. ◼ 2:1 +bd «ئى ئەزىز بالىلىرىم،...»+bd* ــ «ئەزىز بالىلىرىم» گرېك تىلىدا «كىچىك بالىلىرىم». +bd «مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر»+bd* ــ «ياردەمچى ۋەكىل» گرېك تىلىدا «پاراكلېتوس» دېيىلىدۇ، بۇ سۆز «يۇھ.» 16:14، 26، 26:15، 7:16دە «ياردەمچى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. «پاراكلېتوس» شۇ يەرلەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يەرلەردىكى بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:1 1تىم. 2‏:5؛ ئىبر. 7‏:25. *

2ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن جازانى كۆتۈرگۈچى* كەفارەتتۇر؛ مۇشۇ كەفارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. ◼ 2:2 +bd «ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن جازانى كۆتۈرگۈچى كەفارەتتۇر؛ مۇشۇ كەفارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر»+bd* ــ «جازانى كۆتۈرگۈچى كەفارەت» ــ 18:4 «رىم.» 25:3، «ئىبر.» 5:9دە مۇشۇنىڭغا يېقىن بىر سۆز تېپىلىدۇ. تەۋراتتا بۇ سۆز (ئىبرانىي تىلىدا) «كەفارەت تەختى» ياكى «رەھىم تەختى» («مىس.» 17:25) ھەم بەزىدە «گۇناھ تىلەش قۇربانلىقى» ياكى «گۇناھنى ياپقۇچى قۇربانلىق» دېگەن مەنىدە كۆرۈلىدۇ. ئىنجىلدا ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ۋە شۇنداقلا گۇناھلاردىن پاك قىلىشتۇر.* ◘ 2:2 يـۇھ. 4‏:42؛ رىم. 3‏:25؛ 2كور. 5‏:18؛ كول. 1‏:20؛ 1يۇھ. 4‏:10، 14. *

3بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.

4«ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. ◘ 2:4 1يۇھ. 4‏:20. *

5لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. ◼ 2:5 +bd «لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ»+bd* ــ ئىنجىل بويىچە ئىنسانلار بىر-بىرىمىزنى سۆيۈش ئۈچۈن ۋە خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيۈش ئۈچۈن قەلبىمىزگە «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» مۇقەددەس روھ ئارقىلىق تۆكۈلۈشى كېرەك («رىم.» 5:5) ئاندىن بىزنىڭ خۇداغا ۋە ئىنسالارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» خۇدادىن كەلگەن ھەم بىزدىن خۇداغا ھەم ئىنسانلارغا قارىتىلغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز»+bd* ــ «ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىز»: ــ دېمەك، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغانلىقتۇر. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدىكى «مەسىھدە» «خۇدادا» ۋە «روھتا» توغرۇلۇق بايانلىرىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 2:5 يـۇھ. 13‏:35. *

6«خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا ئەيسانىڭ* ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك. ◼ 2:6 +bd ««خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا...»+bd* ــ «خۇدادا» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا». +bd «ئەيسانىڭ ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك».* ◘ 2:6 يـۇھ. 13‏:15؛ 1پېت. 2‏:21. *

7ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان* يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر. ◼ 2:7 +bd «ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر»+bd* ــ يۇھاننا كۆرسەتكەن ئەمر، شۈبھىسىزكى، «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىڭلار». 11:3، 21:4، «يۇھ.» 34:13، 12:15نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:7 2يۇھ. 5. *

8لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ*؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى. ◼ 2:8 +bd «لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى»+bd* ــ بۇ سىرلىق ئەمما بەك مۇھىم 7-8-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. بىزنىڭچە ئاساسىي مەنىسى شۇكى، «روھىي ھايات» كەلگەندىن كېيىن ئىنسانلاردا «بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىش» ھەقىقەتەن مۇمكىن بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئەمرمۇ «يېڭى» بولىدۇ.* ◘ 2:8 يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12. *

9كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.

10قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. ◘ 2:10 يـۇھ. 12‏:35؛ 1يۇھ. 3‏:14. *

11لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن.

12مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى. ◼ 2:12 +bd «ئى ئەزىز بالىلىرىم»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئى كىچىك بالىلىرىم». +bd «مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى»+bd* ــ «ئۇنىڭ نامى» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدۇر. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ئەيسا» دېگەن نام «پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتى» دېگەن مەنىدە.* ◘ 2:12 لۇقا 24‏:47؛ روس. 4‏:12؛ 13‏:38. *

13مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار.

14مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى سىلەر ئاتىنى تونۇدۇڭلار.

15بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر. ◼ 2:15 +bd «ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر»+bd* ــ ئاتىنىڭ سۆيگۈسى» خۇدادىن كەلگەن مۇھەببەت، دېمەك. 5:2 ۋە ئۇنىڭدىكى «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» توغرۇلۇق ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:15 گال. 1‏:10؛ ياق. 4‏:4. *

16چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛ ◼ 2:16 +bd «چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس...»+bd* ــ «ئەتتىكى ھەۋەس»: ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنسانلاردىكى گۇناھىنىڭ تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىڭ ئىنسانلاردىكى «ئەت» ۋە «ئەتلەر» توغرۇلۇق بايانلارنى كۆرۈڭ. +bd «چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ بۇ ئۈچ ئامىلىنىڭ (1) شەيتاننىڭ ھاۋائانىمىزنىڭ ئالدىغا قويغان ئۈچ خىل ئېزىتقۇ ئامىلىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى («يار.» 6:3)؛ (2) شەيتاننىڭ چۆل باياۋاندا ئەيسا مەسىھنى سىنىغاندىكى ئۈچ خىل ۋەسۋەسىسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ («مات.» 1:4-11، «لۇقا» 1:4-13نى كۆرۈڭ).*

17ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. ◘ 2:17 زەب. 90‏:9-10؛ يەش. 40‏:6؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 1‏:10؛ 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24. *

18ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ ئاخىر زاماندا* كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. ◼ 2:18 +bd «ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم»+bd* ــ «دەججال» گرېك تىلىدا «ئانتىخرىستوس». دەججال توغرۇلۇق «دان.» 9-بابتىكى ئىزاھاتلارنى، «مات.» 24-باب ۋە ئىزاھاتلىرىنى ۋە «2تېس.» 2-باب ۋە ئىزاھاتلارنى، «ۋەھىي» 13-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»نى (دەججال توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «نۇرغۇن دەججاللار» مەسىھ ۋە ئۇنىڭ تەلىمىگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ (19- ۋە 22-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 2:18 مات. 24‏:5؛ 2تېـس. 2‏:3. *

19ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى. ◼ 2:19 +bd «ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى»+bd* ــ «... ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن» ــ دېمەك، خۇدا تەرپىدىن بېكىتىلگەن ئىش؛ شۇبھىسىزكى، مۇشۇ «دەججاللار» قېرىنداشلارنىڭ كىچىك پېئىللىقىغا، شۇنداقلا مەغرۇرلۇققا بولغان ئۆچمەنلىكىگە چىدىمىغان بولۇپ، شۇ چاغدا خۇدا ئۇلارنى جامائەتكە پاش قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز مەغرۇر تەبىئىيىتىنىڭ كەينىگە كىرىشكە قوزغىغان؛ شۇنىڭ بىلەن «ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى».* ◘ 2:19 زەب. 41‏:9؛ روس. 20‏:30؛ 1كور. 11‏:19. *

20ھالبۇكى، سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر. ◼ 2:20 +bd «مۇقەددەس بولغۇچى»+bd* ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. +bd «مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار»+bd* ــ «مەسىھلىگۈچى روھ» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ سۆز ئەسلىدە تەۋرات دەۋرىدە پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە بەزىدە پەيغەمبەرلەرنى ئۆز مەنسىپىگە بېكىتىش ۋە تەستىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا قۇيۇلغان «مۇقەددەس ماي»نى كۆرسىتەتتى («مەسىھلىگۈچى ماي»)؛ بۇ ئىش تەۋراتتا «مەسىھ قىلىش» ياكى «مەسىھلەش» دەپ ئاتىلاتتى. ئىنجىل دەۋرىدە ناسارەتلىك ئەيسا ماي بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنغان» («مات.» 16:3، «لۇقا» 22:3، 18:4، «روس.» 38:10نى كۆرۈڭ).

21سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.

22ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر.

23كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ. ◼ 2:23 +bd «كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا، ئۇ ئاتىغا ئىگە بولمايدۇ؛ لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ ئاتىغىمۇ ئىگە بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 2:23 لۇقا 12‏:9؛ 2تىم. 2‏:12. *

24سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزۇۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛

25ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. ◼ 2:25 +bd «ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر»+bd* ــ «ئۇنىڭ قىلغان ۋەدىسى بولسا» ــ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى ياكى ئەيسانىڭ ۋەدىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە «ئۇ» 20-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «مۇقەددەس بولغۇچى»نى، يەنى ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك.*

26سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛

27سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرۇۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر. ◼ 2:27 +bd «سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرۇۋېرىدۇ»+bd* ــ «ئۇنىڭدىن» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ ئۆزىنى ياكى ئەيسانى كۆرسىتىدۇ؛ بىزنىڭچە «ئۇ» يەنە 20-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «مۇقەددەس بولغۇچى»نى، يەنى ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك. +bd «مەسىھلىگۈچى روھ»+bd* ــ 20-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:27 يەر. 31‏:34؛ ئىبر. 8‏:11. *

28ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز. ◼ 2:28 +bd «ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز»+bd* ــ «قورقماس» ياكى «يۈرەكلىك».* ◘ 2:28 مار. 8‏:38؛ 1يۇھ. 3‏:2. *

e>