1قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. ◼ 3:1 +bd «بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى»+bd* ــ «ئۇنى» ئەيسا مەسىھ ياكى خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە مەسىھنى كۆرسىتىدۇ («يۇھ.» 10:1نى كۆرۈڭ).* ◘ 3:1 يـۇھ. 1:12. *
2سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ قايتىدىن* ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز. ◼ 3:2 +bd «بىراق ئۇ قايتىدىن ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز»+bd* ــ «ئۇ» ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. +bd «ئۇ قايتىدىن ئايان قىلىنغاندا»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بىزنىڭچە ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار ئايەتنى باشقىچە چۈشىنىپ: ــ «ئۇ» (دېمەك، بىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز») ئايان قىلىنغاندا...» دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە روسۇل يۇھاننا مەسىھنى ئۇلۇغلاشتىكى ھەربىر پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىدۇ، مۇشۇ يەردىمۇ شۇنداق قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنىلا مەسىھنى كۆرسەتكەن.* ◘ 3:2 يەش. 56:5؛ مات. 5:12؛ يـۇھ. 1:12؛ رىم. 8:15، 18؛ 2كور. 4:17؛ گال. 3:26؛ 4:6؛ فىل. 3:21؛ كول. 3:4. *
3ۋە مەسىھكە* ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا. ◼ 3:3 +bd «ۋە مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا»+bd* ــ «مەسىھكە» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭغا». +bd «...ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا»+bd* ــ «ئۇ» مۇشۇ يەردە بەلكىم مەسىھنى كۆرسىتىدۇ؛ يۇقىرىقى 2-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.*
4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ* قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ* قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ◼ 3:4 +bd «گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق (خۇدانىڭ) قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر»+bd* ــ «خۇدانىڭ قانۇنى» گرېك تىلىدا پەقەت «قانۇن» دەپ ئېيتىلىدۇ. لېكىن كۆزدە تۇتۇلغىنى مەلۇم بىر ئىنسانىي قانۇن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ قانۇنىدۇر. يۇھاننانىڭ مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى بەلكىم مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بولۇپلا قالماي، يەنە بەلكىم ھەربىر كىشىنىڭ ۋىجدانىدا (ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن) نامايان قىلىنغان خۇدانىڭ قانۇنىنى كۆرسەتسە كېرەك («رىم.» 13:2-15نىمۇ كۆرۈڭ).
5ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر. ◼ 3:5 +bd «ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان»+bd* ــ «ئۇنى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.
6ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ. ◼ 3:6 +bd «ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ»+bd* ــ «گۇناھ سادىر قىلسا،...» دېگەنلىك شۈبھىسىزكى، ئادەمنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشىنى، گۇناھ ئىلكىدىن چىقماي تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 9:3 ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
7ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. ◼ 3:7 +bd «ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر»+bd* ــ «ئۇ» بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە يەنە مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى 5-6-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:7 1يۇھ. 2:29. *
8لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.
9خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. ◼ 3:9 +bd «خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر»+bd* ــ «خۇدانىڭ ئۇرۇقى (ياكى «نەسلى») ئۇنىڭدىن ئورۇن ئالغاچقا...» دېگەنلىكتە «خۇدانىڭ ئۇرۇقى» مەسىھنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، مەسىھ ئەيسانىڭ تەبىئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 1:13-23، «يۇھ.» 24:12، «رىم.» 15:4-17نى، 7:9-8 ۋە «گال.» 16:3نى كۆرۈڭ.
10خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.
11چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر. ◘ 3:11 يـۇھ. 13:34؛ 15:12؛ 1يۇھ. 3:23. *
12ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. ◘ 3:12 يار. 4:8؛ ئىبر. 11:4. *
13شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. ◘ 3:13 يـۇھ. 15:18. *
14بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. ◘ 3:14 1يۇھ. 2:10. *
15قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ◼ 3:15 +bd «قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر»+bd* ــ «مات.» 21:5-22نى كۆرۈڭ. +bd «ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»+bd* ــ بۇ سۆزلەر ھېچبىر قاتىل خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن «مات.» 31:12، «1كور.» 9:6-11نى كۆرۈڭ.* ◘ 3:15 مات. 5:21؛ گال. 5:21. *
16بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. ◼ 3:16 +bd «بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى...»+bd* ــ «ئۇ» ــ مەسىھ، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:16 يـۇھ. 15:13؛ ئەف. 5:2. *
17ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ ◼ 3:17 +bd «ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ...»+bd* ــ «مال-مۈلۈك» مۇشۇ يەردە، گرېك تىلىدا «تىرىكچىلىك» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 3:17 قان. 15:7؛ لۇقا 3:11؛ ياق. 2:15. *
18ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.
19بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ* ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. ◼ 3:19 +bd «بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە (خۇدانىڭ) ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز»+bd* ــ «خۇدانىڭ ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز». +bd «...خاتىرجەم قىلالايمىز»+bd* ــ ياكى «قايىل قىلالايمىز». دېمەك، بىرسى «مەن خۇدادىنمۇ، ئەمەسمۇ؟» دەپ گۇمانلانغان بولسا، ئۆزىدىن «مەندە مېھىر-مۇھەببەت بارمۇ-يوق؟» دەپ سورىسا ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسا، «مەن ھەقىقەتەن خۇدادىن تۇغۇلغانمەن» دەپ ئۆزىنى قايىل قىلالايدۇ.*
20شۇنساقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىسە، خۇدا بولسا قەلبىمىزدىن يەنە ئۈستۈندۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ◼ 3:20 +bd «شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىسە، خۇدا بولسا قەلبىمىزدىن يەنە ئۈستۈندۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر»+bd* ــ بۇ ئايەتتە «قەلبىمىز» بەلكىم «ۋىجدانىمىز»نى كۆرسىتىدۇ.
21سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز ◼ 3:21 +bd «سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز»+bd* ــ بۇ ئايەتتە «قەلبىمىز» بەلكىم يەنە «ۋىجدانىمىز»نى كۆرسىتىدۇ. +bd «يۈرەكلىك تۇرىمىز»+bd* ــ ياكى «قورقماس تۇرىمىز».*
22ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. ◘ 3:22 يەر. 29:12؛ مات. 7:8؛ 21:22؛ مار. 11:24؛ لۇقا 11:9؛ يـۇھ. 14:13؛ 16:24؛ ياق. 1:5؛ 1يۇھ. 5:14. *
23ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. ◼ 3:23 +bd «ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر»+bd* ــ «ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنى» مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ (مەسىھ ئارقىلىق) بىزگە تاپىلىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 3:23 لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ يـۇھ. 6:29؛ 13:34؛ 15:12؛ 17:3؛ ئەف. 5:2؛ 1تېس. 4:9؛ 1پېت. 4:8؛ 1يۇھ. 4:21. *