يۇھاننا 1:1-50 UIGB2010 - Bible AI

1مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. ◼ 1:1 +bd «مۇقەددەمدە»+bd* ــ باشقا بىر ئىپادىلىنىشى «ھەممىدىن بۇرۇن» («ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا») كالام (ئاللىقاچان) بار ئىدى». +bd «كالام»+bd* ــ «سۆز»، شۇنداقلا «خۇدانىڭ سۆزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر؛ كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى...»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «بىلەن بىللە» دېگەن گرېك تىلىدا يەنە «ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە»، «(خۇداغا) قاراپ ئۇنى سۆيىدىغان» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىدۇ. +bd «ھەم كالام خۇدا ئىدى»+bd* ــ بۇ مۇھىم بايان كالامنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 1:1 پەند. 8‏:22؛ كول. 1‏:17؛ 1يۇھ. 1‏:1، 2.*

2ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. ◘ 1:2 يـۇھ. 17‏:5. *

3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. ◼ 1:3 +bd «ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس»+bd* ــ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كالام ئۆزى ھېچ يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن خۇدا بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. «يارىتىلغان» گرېك تىلىدا، مۇشۇ يەردە «بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» «ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا خىل ئىپادىلىنىشى: ــ «ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولدى ۋە بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭسىز بولمىدى».* ◘ 1:3 يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16؛ ئىبر. 1‏:2. *

4ئۇنىڭدا ھاياتلىق بار ئىدى ۋە شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. ◼ 1:4 +bd «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى»+bd* ــ ياكى «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرى ئىدى».* ◘ 1:4 يـۇھ. 5‏:26؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ 1يۇھ. 1‏:5؛ 2‏:8-11؛ 5‏:11.*

5ۋە نۇر قاراڭغۇلۇقتا پارلايدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. ◼ 1:5 +bd «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس»+bd* ــ مۇشۇ سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ چۈشەنگەن ئەمەس» ياكى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.* ◘ 1:5 يـۇھ. 3‏:19. *

6بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. ◼ 1:6 +bd «بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «بىر ئادەم خۇدادىن ئەۋەتىلدى بولدى». +bd «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى»+bd* ــ يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «يۇھاننا» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 1:6 مال. 3‏:1؛ مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2، 4؛ لۇقا 3‏:3؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:33. *

7ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، يەنى ھەممە ئىنسان ئۆزى ئارقىلىق ئىشەندۈرۈلسۇن، دەپ نۇرغا گۇۋاھچى بولۇشقا كەلگەنىدى.

8يەھيانىڭ* ئۆزى شۇ نۇر ئەمەس، بەلكى پەقەت شۇ نۇرغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى.

9ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى. ◼ 1:9 +bd «ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر، دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى»+bd* ــ «كېلىۋاتقانىدى» دېگەننى قانداق يول بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە، بۇ بىر جەرياننى كۆرسىتىدۇ ــ يەنى بەلكىم ئاۋۋال مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئاندىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە كىرىش جەريانى ئارقىلىق «كېلىۋاتاتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ بولسا دۇنياغا كېلىدىغان ھەربىر ئىنساننى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇردۇر».* ◘ 1:9 يـۇھ. 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46. *

10ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. ◘ 1:10 ئىبر. 1‏:2؛ 11‏:3. *

11ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. ◼ 1:11 +bd «ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى»+bd* ــ «ئۆزىنىڭكىلەر» دېگەنلىك ئالەم ۋە ئۇنىڭدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى مەسىھنىڭكىدۇر، چۈنكى خۇدا ئالەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئارقىلىق ياراتقانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانىدى. +bd «ئۆز خەلقى»+bd* ــ ئىسرائىل خەلقى، يەنى يەھۇدىي خەلقى ــ گرېك تىلىدا «ئۆزىدىكىلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. ◘ 1:12 يەش. 56‏:5؛ رىم. 8‏:15؛ گال. 3‏:26؛ 2پېت. 1‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:1. *

13ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. ◼ 1:13 +bd «ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ»+bd* ــ

14كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر. ◼ 1:14 +bd «كالام ئىنسان بولدى»+bd* ــ «ئىنسان» مۇشۇ يەردە «ئەت ئىگىسى» ياكى «تەن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «كالام تەن (ئەت) بولدى ۋە ئارىمىزدا چېدىر تىكتى». «چېدىر» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بولۇشى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس چېدىر»ىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھازىر بولغىنىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر»+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 1:14 يەش. 7‏:14؛ مات. 1‏:16؛ 17‏:2؛ لۇقا 1‏:31؛ 2‏:7؛ كول. 1‏:19؛ 2‏:9؛ 2پېت. 1‏:17. *

15(يەھيا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ــ مانا، مەن سىلەرگە*: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ــ دەپ جار قىلدى) ◼ 1:15 +bd «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىد»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھتىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».* ◘ 1:15 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26،30. *

16چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلاردىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق. ◼ 1:16 +bd «ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلىرىدىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقان مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» دېگەنلىكتۇر. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات» دېگەن ئىبارە مۇسانىڭ «مىس.» 3:33دە ئېيتقان سۆزىدىن ئېلىنغان.* ◘ 1:16 كول. 2‏:10. *

17چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر* ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. ◼ 1:17 +bd «مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى»+bd* ــ «مەسىھ» بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتىشىچە، خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى ۋە قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭلار.* ◘ 1:17 مىس. 20‏:1. *

18خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى. ◼ 1:18 +bd «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى ئۆزى بىردىنبىر خۇدا بولغۇچى ئۇنى ئايان قىلدى» دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋارىيانتنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ پەرقى يوق (1:1-4نى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى»دا نېمىلا بولمىسۇن خۇدالىق تەبىئىتى باردۇر.* ◘ 1:18 مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 1تىم. 6‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:12. *

19يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار يەھيادىن «سەن كىمسەن؟» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇلارغا جاۋابەن بەرگەن گۇۋاھلىقى مۇنداق ئىدى: ◼ 1:19 +bd «يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار»+bd* ــ بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «سەن كىمسەن؟»+bd* ــ بۇ سوئالنىڭ «سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ پەيغەمبەرمۇسەن ياكى خۇدا ئەۋەتىدىغان مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمۇسەن» دېگەندەك ئىچكى مەنىسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىشكە تەييار ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، «مات.» 25:21-25نى كۆرۈڭ. +bd «كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار»+bd* ــ «كاھىنلار» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئىدى؛ «لاۋىيلار» («لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغانلار) كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 1:19 يـۇھ. 5‏:33. *

20ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى. ◼ 1:20 +bd «ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي... دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى»+bd* ــ «ھېچ ئىككىلەنمەي» گرېك تىلىدا «ئىنكار قىلماي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 1:20 يـۇھ. 3‏:28؛ روس. 13‏:25. *

21ئۇلار ئۇنىڭدىن:

22شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭدىن:

23يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى:

24‏-25 ئەمدى يېرۇسالېمدىن* ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى. ئۇلار يەنە يەھيادىن:

26يەھيا ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

27ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!

28بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا* چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.

29ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:

30مانا، مەن سىلەرگە*: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» دېگىنىم دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ◼ 1:30 +bd «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھتىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».*

31مەن بۇرۇن ئۇنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنى ئىسرائىلغا ئايان بولسۇن دەپ، كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.

32يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:

33مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. ◼ 1:33 +bd مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى+bd* ــ «يەھيانى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى» ــ خۇدادۇر. +bd «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ,...»+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. +bd «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!»+bd* ــ يەھيانىڭ مۇشۇ گۇۋاھلىقى مەسىھنى كۆرستىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ مۇقەددەس روھىنى تۆكۈشى بىلەن نىجات ئېلىپ كېلىدىغان «يېڭى ئەھدە»نى تۈزگۈچىدۇر («يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «يەش.» 15:32-20 ۋە باشقىلار).*

34مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم! ◼ 1:34 +bd «خۇدانىڭ ئوغلى»+bd* ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

35ئەتىسى، يەھيا ئىككى مۇخلىسى بىلەن يەنە شۇ يەردە تۇراتتى.

36ئۇ ئۇ يەردىن* مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ:

37ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىككى مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.

38ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن:

39ــ بېرىپ كۆرۈڭلار، ــ دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى (بۇ ۋاقىت شۇ كۈننىڭ ئونىنچى سائىتى ئىدى). ◼ 1:39 +bd «ئونىنچى سائەت»+bd* ــ يۇھاننا بايانىدا «رىم ۋاقتى»نى ئىشلىتىدۇ (بۇنىڭغا ئىسپات بار). شۇڭا بۇ ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئون بولسا كېرەك.*

40يەھيا پەيغەمبەرنىڭ* يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككىيلەننىڭ بىرى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئىدى.

41ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

42ۋە ئاكىسىنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ:

43ئەتىسى، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە يول ئالماقچى ئىدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

44(فىلىپ بەيت-سائىدالىق بولۇپ، ئاندرىياس بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى). ◘ 1:44 يـۇھ. 12‏:21. *

45فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

46بىراق ناتانىيەل:

47ئەيسا ناتانىيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق:

48ناتانىيەل: ــ مېنى قەيېرىمدىن بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.

49ناتانىيەل جاۋابەن: ــ ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! ــ دېدى. ◼ 1:49 +bd «ئۇستاز»+bd* ــ گرېك تىلىدا «راببى».*

50ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>